ئايالسىز ئائىلە
يۈسۈپجان سايرامى ( زىنھار )
ئايالسىز گۈللىمەس ئائىلە بېغى ،
قۇشلارمۇ سايرىماس مۇڭلۇق تېخى.
ئاياللار ئايالسۇن ئەرلەر ئالدىدا ،
ئايالسىز بەخىتنىڭ يوقتۇر ھۇزۇرى.
ئايالسىز يەرلەرمۇ يەر بولماس تېخى،
ئايالسىز ئەرلەرمۇ ئەر بولماس تېخى .
ئەركەك دەپ توۋلايسەن ئۆزىڭنى لېكىن،
ئايالسىز ئىشلارمۇ تەل بولماس تېخى.
ئايالسىز ئائىلە قەھرى-زىمىستان ،
كەلمەيدۇ نۇرلىنىپ باھارى-گۈلىستان .
قەدىرلە ئايالنى بەرمە ئازارنى ،
ئايالسىز نۇرچاچماس جانۇ-جاھان .
ئايالسىز ئائىلە قاراڭغۇ زۇلمىتىڭ ،
بولمايدۇ سىنىڭمۇ ئەسلا قىممىتىڭ .
بەركەتمۇ يوقتۇر ئايالسىز ئۆيدە ،
بولمايدۇ بۇنچىلىك قەددى-قامىتىڭ .
ئايالسىز قايغۇ-ئەلەم يېنىڭدىن كەتمەس ،
ئۈمۈدنىڭ چىرىقى يېنىپ ھەم ئۆتمەس .
مېھنەتكەش ئاياللار ئامان بولسۇن ،
ئۇ كەتسە خۇشاللىق قايتىدىن كەلمەس.
##ئاپتۇر ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ ##
2017-يىل 3-مارت ( ئۈرۈمچى )
| 56 قېتىم كۆرۈلدى | zinhar | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-3-6 3:42:14 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|