سۆيگۈ ھۆكۈمران كىچە
خەدىچە
   ئۈمۈدسىز كۈتۈشلەر ، چەكسىز سىغىنىشلار تولغان ئۇزۇن كىچە بۇ . پەقەت بىر كىچىلا ئەمەس كەلگۈسىگە تەلپۈنگەن كۈتۈشى نامەلۇم بولغان چەكسىز ھەم چەكلىك كىچىلەر . باشقىلار ئۈچۈن چەكلىك ئۇلار  ئۈچۈن تۈگىمەيدىغان چەكسز كىچىلەر ....ئاشىقىنىڭ ۋىسالىغا بىر يەتكىنىدە ، تىنىقىنى بىر رەت ئاڭلىغىندا ، كۈتۈشلىرنىڭ يىشىمى چىققىندا كۈتكەن بارلىق تۈنلىرنى ئۇنتۇپ يىڭىدىن قايتىلىندىغان كىچە بۇ ....بۇ كىچىلەرنىڭ نەچچە رەت قايتىلانغىننى ئۇمۇ ، ئۇمۇ ھىچكىم بىلمەيدۇ ، شۇ بىلمەسلىكلەر ئارسىدا ۋىسالغا تولغان كىچىلەرگە تەلپۈنىدۇ ، شۇ بىر قىبىلگاھى ئۈچۈن يەنە توختىماي ماڭىدۇ ....
شۇنداق بىر گۈزەل كىچە بۇ .مەشۇقىنى ئاشىقنىڭ ئاۋازىدا مەسىت قىلىپ ئاستا ئاستا ئەللەيلىتىپ ئۇخىلتىدىغان . شۇ بىر دەقىقىدە ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى ئۇنتىغان ،ئاشىقنىڭ دۇنيارىدا پەقەت ئۇ يالغۇز ھۆكۈم سۈرگەن . 
توغرا ،يەنە شۇنداق رەھىمسىز كىچە بۇ ، ئەقلىدە ، يۈركىدە تەڭ ھۆكۈم سۈرگەن ، قۇلاق تۈۋىدە توختىماي جاراڭلاۋاتقان شۇ تونۇش ئاۋازنى بىر ئاڭلىۋلىش ئۈچۈن تالاي كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزىدىغان ، خۇددى ئۇ كەبى تىلفۇننى قۇچاقلاپ يىتىپ قۇچاقلاپ قوپىدغان ، تىلفۇننىڭ بىر تىتىرشى تىلفۇننى ئەمەس پۈتكۈل كائىناتىنى لەرزىگە سالدىغان ، شۇ كۈتۈشلەر ئىچىدە ھەممىنى ئەسلەيدىغان ، يەنە شۇ مىنۇت ئىچىدە ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان يالغانچى كىچىلەر بۇ 
يىغلىمايمەن دەپ نەچچە رەت ۋەدە بىرىپ تۇرۇپ يەنە پىنھاندا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمايدىغان خائىن كىچىلەر بۇ . 
ئاشقىنى چۈشىدە بولسىمۇ بىر كۆرۋلىشنى ئارزۇ قىلىپ يىتىپ كۆرەلمەستىن ئۇخلاپ قوپىدىغان خىيانەتكار كىچە  
مانا شۇ ئايىقى چىقمايۋاتقان ئۇزۇن كىچىدە ئۇ ھەم ئۇ ، بەزىدە يىراقلاردىن ئۆزئارا تەلپۈنگەن يەنە بەزىدە ۋىسال قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ ئۆزئارا گىرەلەشكەن ، ئۇزۇن بىر كىچە ، ئۆزىدىن ئۇزۇن  ھىكايىلەرگە تولغان ، ئەتىسى يەنە ھەممىنى ئۇنتۇپ قايتىدىن باشلىنىدىغان ئايقى چىقماس يول كەبى ئۇزۇن كىچە ، بۇ كىچىلەرنىڭ يىشىمى تالاي قىتىملاپ پەرەز قىلنىپ يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغان  ....
شۇنداق بۇ بىر كىچە ، ئۇ ھەم ئۇ بۇ كىچىدە ..... 
2017.5.31     يىنچۈەن
      
      
مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى
ئۈندىدار :2041420589
      
| 48 قېتىم كۆرۈلدى | خەدىچە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-6-9 12:26:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
| 
 تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
 
  	www.yazghuqilar.com 
  	新ICP备15002323号 
  	
    
 |