ئاشىق (شېئىر) - ئالىم ياسىن ئارمانى

 ئاشىق

ئالىم ياسىن ئارمانى

گەر ئۇچماقنى ئىزلىسەڭ جېنىم،          
ساڭا ئاسمان،كۆك بولۇپ بېرەي.
ياشنىماقنى ئىزلىسەڭ جېنىم،
مۇنبەت تۇپراق بولۇپ بېرەي.

ئۇخلىماقنى ئېزلىسەڭ يەنە،
پىنھان كېچە يارىتىپ بېرەي.
يۈرگۈڭ بولسا تەنھا كېمىدە،
چەكسىز دېڭىز ھەم بولۇپ بېرەي.

ئۇچقۇڭ بولسا بولۇپ پەرۋانە
،چىراغىڭمەن ئارقاڭدا يۈرەي.
ئۆلۈم كەلسە بولما غەمخانە،
سېنىڭ ئۈچۈن بولدى مەن ئۆلەي.

پەيزاۋات يېزا ئىگىلىك ماشىنىللىرى ئىدارىسى
13579071133
     





50 قېتىم كۆرۈلدى ئالىم ياسىن ئارمانى ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-11 19:57:39  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ