سىناقلىرى تولا ئ‍ىكەن ھاياتنىڭ

دەريالاردا دولقۇن ياساپ ئ‍اقار ھايات،

دەرت باستىمۇ چايقىلىدۇ كۆزىن ياشلاپ.

گاھ پىچىرلار شاماللارغا تىنچ ئ‍ېقىن،

تىنىقلىرى ئ‍ىز قالدۇرار ساھىل بويلاپ.


شۇنداق ئ‍ۆتكەن دېدى ۋاقىت سۆزگە كەرىپ،

غەمسىز،خوشال،سەبى ھېسلىق بالىلىقىم.

كۆز تاشلىغان يىراقلارغا سوئ‍ال بىلەن،

ھەممە گۈزەل يېڭى بولغاچ تۇيغۇلىرىم.


يىراقلاردىن كىلەر ئ‍ىدى ۋاقىت ئ‍استا،

ئ‍الدىرايتتىم يىڭى يىڭى سوۋغىسىغا.

مەن بىلەن تەڭ چوڭ بولدىمۇ سسېخى ۋاقىت،

كۆزۈم ئ‍اچسام سوۋغات تولار بوسۇغىغا.


سىناقلىرى تولا ئ‍ىكەن بۇ ھاياتنىڭ،

كۈلدۈرەركەن كۈلكە بىلەن ئ‍الدار ئ‍ىكەن.

گاھ يىغلىتىپ گاھ قاقشىتىپ ھەر قەدەمدە،

سەبىرىڭنى غەيرىتىڭنى سىنار ئ‍ىكەن.


ماھىرە ئابدۇكىرىم





231 قېتىم كۆرۈلدى ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-7-29 3:40:04  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-7-29 10:52:16 ئابدۇغۇپۇر
ئ‍ىسىلكە،
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ