بۇ كۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ

بۇ كۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ

 

 ئارسلان ئابلەت

 

 بۇكۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ،

 ئاچچىقى ھەم تاتلىقى بار.

گەر ھاياتقا كۈلۈپ باقساڭ،

قەلبىڭگە شادلىق بولار يار.

 

بۇ كۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ،

 ئېغىرى ھەم يېنىكى بار.

 شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇ باشقا،

بۇ دۇنيا بولار ساڭا تار.

 

 بۇ كۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ،

 يىغىسى ھەم كۈلكىسى بار.

 سەن توختىماي زارلىنىدىغان،

 ئۆزدىن باشقا نېمىسى بار.

 

 بۇكۈنلەرمۇ كېتىدۇ ئۆتۈپ،

 كونىسى ھەم يېڭىلىقى بار.

 قۇچاق ئاچساڭ يېڭى تۇرمۇشقا،

دەردلىك كۈنلەر سىنىڭدىن قاچار.

 

 ئاراتۈرك ناھىيە نوم بازىرىدىن





138 قېتىم كۆرۈلدى ئارسلان ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-22 18:00:35  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ