ئىزلىرىم گۇۋاھ

         ئىزلىرىم گۇۋاھ

كۆرگۈم كىلىپ ھەركۈن قانچە رەت،
باردىم ئىزلەپ مەلىڭىز تامان.
سورالمىدىم بىراۋدىن لىكىن،
ئاھ ئۈمۈتسىز قايتتىم مەن ھامان.

بەلكىم رەنجىپ قالغانسەن مەندىن،
بارغىنىمنى بىلمەستىن نىگار.
ئىشىك ئالدىڭغا چىقىپ قاراپ باق،
كۈندە قانچە ئۆتكەن ئىزىم بار.

ئىشەنمىسەڭ كۆرگەنلەردىن سوراپ باق،
ئىيتىپ بەرسۇن سىزنى ئىزلەپ بارغىنىمنى.
تونىمايدۇ راست ئۇلار مىنى،
ھەم بىلمەس سىزنى ئىزلەپ بارغىنىمنى.

ئۇلاردىنمۇ سوراپ يۈرمىگىن،
گۇۋاھ بولسۇن باسقان ئىزلىرىم.
ئىشىك ئالدىڭدا قىلىپ قالدى يەنە،
سىغىنىشلىق تىنىق-ھىدلىرىم.


ئۇچۇرۇپ كەتتى بەلكىم شاماللار،
ھىدلىرىمنى يىراقلارغا، يىراققا.
ئىشىك ئالدىڭدا قالغان ئىزلىرىم،
يارايدىغۇ گۇۋاھچىلىققا…….


مەمەتجان ئەمەت   

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589



     





64 قېتىم كۆرۈلدى مەمەتجان ئەمەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-30 23:30:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ