مەندىكى يۈرەك - چىۋەر

مەندىكى يۈرەك
                       
 ئاپتۇرى: چىۋەر (يۇرتۇم  توقسۇ)

  مەندىمۇ  ئەشۇنداق بىر يۈرەك باتى،
 يالقۇنلاپ كۆيگەن  ئىدى  مۇھەببەت.
 خوشاللىق شاتلىققا تەلپۈنۈپ شۇ دەم،
 مېھردىن  ئورتەنگەن ئىدى تا ئەبەت.

 مەندىمۇ ئەشۇنداق بىر يۈرەك  باتى،
يۈرۈگۈم ئۇنىڭغا تەسەددۇق ئىدى.
قەدىرسىز يۈرەككە ئايلاندى شۇدەم،
دەرت ھەم ئەلەمگە  پاتقان ئىدى.

 مەندىمۇ ئەشۇنداق بىر يۈرەك باتى،
 ئېچىلمىغان  ئىدىغۇ غۇنچىسى تېخى.
 زىمىستان  قىش  كىتىپ  باھارمۇ  كەلمەي،
قاغجىرغان مۇھاببەت سۆيگۈنىڭ بېغى.
     
  مەندىمۇ  ئەشۇنداق  بىر  يۈرەك  باتى،
 قان تۇمۇردا  سېغىنىش  كۈتۈشلەر ئاققان.
 كىسىلدىمۇ ئۇنىڭ  جان  ھەم  تۇمۇرى
يەتكۈچە   دەرەت  ئەلەم ئازاپلار  تاتقان
     





64 قېتىم كۆرۈلدى qiwar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 22:55:32  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ