بالىلىق بېغىم
ئۇشبۇ كۈنلەرنى كەتتىم مەن ئويلاپ،
باسقان مۇساپەم ھەممىدىن يىراق.
ئۆتۈپتۇ كۈنلۈرۈم يىراقنى ئويلاپ،
زادى كىممەن ئويلىماپتىمەن بىراق .*
قاراپلا تاڭ قالدىم كالىندارىمغا ،
توشۇپتىمەن چاققانلا16ياشقا .
كىچىكىمدە ئىدىمغۇ مەن بىر قوزا ،
تال چىۋىقىنى ئات ئېتىپ ئوينىغان باغدا. *
كۈنلۈرۈن ئۆتۈپتۇ كەڭ دالىلاردا ،
شوخلۇقۇم سەبىيلىكتە خوشال يايراپ.
ھەم شۇ ئېگىز شاختا كاككۇكتەك سايراپ ،
جۇش ئۇرۇپ سەبىي بالىلىق بېغىمدا.*
ساقلاندى بالىلىقنىڭ توم-توم ئىزلىرى،
توم-توم سۈرەتلەر ھەم ئالبوملىرىمدا.
كۆرگۈنۈمدە سۈرەتلەردىن ئوماق ئەكسىمنى،
باغلاندى تەسەۋۇرۇم سىرلىق تۇمانغا.*
تونۇدۇم تونۇمۇدۇم گەر ئۆزۈمنى،
كېتىپتىمەن ئۆزۈمدىن ھالقىپ يىراق .
تاپقىنىمدا ئۆزۈمنى چاڭ-توزان ئارسىدىن،
ئۆزگەرتەلمەيمەن مەڭگۈگە ئەسلىگە بىراق .*
ئىجاد قىلسام گەر بىر ئالىي كەشپىيات ،
بولسا دەيمەن كەتكىلى بالىلىققا قاتناش.
غەم -قايغۇدىن ئايرىلىپ كۆڭۈل شاد ،
بولاتتى كاللامدا پەقەت ئويۇن ئويناش.*
ئامال يوق بەندىدە ۋاقىتنى بۆسۈش،
كېرەك يوق بولمىسا قايتىدىن باشلاش.
ئۆزگەرتەلمىسەك گەر ئۇشبۇ ئۆتمۈشنى،
پەقەتلا بىر يول كېرەك ھازىردىن باشلاش.*
تونۇدۇم مەن ئاخىر ئۆزۈمنى ،
تېگى تەكتىدىن چۈشنۈپ ئەسلىمنى .
كەتمەيمەن ئەمدى بالىلىققا تەشنا ،
بۇلغىمايمەن ئوغۇللۇق ۋىجدان-غورورنى.*
2014.10.12k
| 47 قېتىم كۆرۈلدى | mamatjon | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-2 16:08:17 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|