سەۋەب نەدە - نادىر ئەسەر

سەۋەب نەدە

 

ئىلياس توختىنياز

 

قەدىمدىن بىزلەرگە كۆپ قىسىە قالغان،

 ھايا ۋە مۇھەببەت كۆپ ئالقىش ئالغان،

 قىز ئۈچۈن سۇلتاننى ئۇرۇشقا سالغان،

 دىمە سەن بۇلارنى ھەرگىزمۇ يالغان،

 مۇھەببەت قالمىدى ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 شېرىن ئۈچۈن تەشكەن پەرھات تاغنى،

 بىلەمسەن غىرىبجان تۇتۇلغان باغنى،

 نە سەۋەب سىپارتاك ئەۋەتكەن ياغنى،

 سىغىندىم ئىنتىلدىم شۇ زامان چاغنى،

 ئەركەكلەر يوقالدى ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 ئىپەت ئۈچۈن تۈكۈلگەن نۇزگۇم قىنى ،

 ئىپارخانغا كەم بولغانمۇ ئۇردىدا نىنى،

 كۆپ قىزلار شېھىت بولغان پاكلاپ تىنى،

نىمە دەي ناپاك قىز ئەمدى مەن سىنى،

 ھاياسىز بوپ قالدىڭ ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 ئەي قىز كوچىدا ئۇچۇققۇ يوتا،

 خىجىلمەن ئەۋزەيلەشكە يوقمىدى ماتا،

 بەزىلەر بەزمىدە ئۇلتۇرۇش كاتا،

 بىشەملىكتە دەيسەن ئەر ئۆزى لاتا،

ئەرلەر سۈكۈتتە ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 سىنڭگە قاراشقا خىجىل كۆزۈم،

 قىزلىققا قايتقىن بۇ يۈرەك سۆزۈم،

 ھايالىق قىزلارغا پىدامەن ئۆزۈم،

 جان تەسەددۇق قىلساممۇ يۇرۇقتۇر يۈزۈم،

پىداكارلىق يوقالدى ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 ئويلانغىن بولمىسا سەندە گەر ھايا،

بولمىسا قىزلاردەك خۇلۇق ۋە ساپا،

 تار ئىشتان شىر چاچلار كىملەرگە جاپا،

 ھەممە قىزنى سۈكمىدىم بولمىغىن خاپا،

 سۆيەلمىدىم قىزلارنى ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 ئەرلەردە ۋاپا يوق ئىشەنچىسىزمىش،

 ئەرلىك غۇرۇر يوق جاسارەتسىزمىش،

كىسەلمەن ياۋاش-يومشاق كارامەتسىزمىش،

 بىرى بىلەن كارى يوق ھارارەتسىزمىش،

 ئەرلىك يوقاپتۇ ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 قىسمەنكى قىزلاردا قالمىغاچ ساپا،

 ئەر قەلبىنى ئوۋلايدۇ كەم كۈتتە لاتا،

 تىگىشكەچ شەھۋەتكە شۇ قىسقا ماتا،

 ھارارەت يانمايدۇ ئەرلەردە قايتا،

 ئەرلەر ھارارەتسز ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 پەشتامە ئارتقان ئەرگە بولما سەن خاپا،

 ئىقتىدارسىز قىز سالغان شۇ ئەرگە جاپا،

 قىزلاردا بولمىغاچ شۇ بۇرچ ۋە ساپا،

 بولدى بەس قىزلارغا قىلماي مەن تاپا،

 خۇتۇنغا تەگدى ئەر ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 زەگەرگە سوقتۇرۇپ بولالمايسەن ئەر،

 جىمىكى پەقەتلا ئۆز رىزىقىنى يەر،

سەن ئاۋال بىراۋغا ساپ مىھرىڭنى بەر،

 بەخت چىلاپ كىلىدۇ سەن ئاقۇزغان تەر،

 جاۋاب بەر ئىيتقىنا راس سەۋەب نەدە.

 

 سەن ئاۋال بۇلارنى ئويلاپ كۆر ئۆزۈڭ،

 قىزلىق ئىلمىدىن ئېيتىلسۇن سۆزۈڭ،

 سۆيگۈنى قەلىبىمدىن ئويغاتسۇن يۈزۈڭ،

 پەقەتلا شەھۋەتنى كۆرمىسۇن كۆزۈڭ،

 سۆيگۈ-داستان قالمىدى ئېيىت سەۋەب نەدە.

 

 ھايا خۇلۇق بولمىغاچ چىن سۆيگۈمۇ يوق،

بۇ بىر ھەقىقەت ئوبدان ئويلاپ ئۇق،

 ئەركەكلەرنى ھۆرمەتلە گەرچە قورساق توق،

 ناز-خۇلۇق جايىدا بولما بەكلا “شوخ” ،

 قەلەملەر ئېچىنىدۇ ئېيىت سەۋەب نەدە.





5212 قېتىم كۆرۈلدى binawa ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-9-26 16:29:57  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-3-28 13:16:03 خالىد
بەك بەك ياخشى ئىكەن سەۋەپ زادى نەدە؟ ئويلۇنۇشقا خوتۇن قىزلىرىمىزنى قوغداشقا تىگىشلىك ئىكەن
2015-12-20 1:16:38 xaokay
yahxikan. man yahtudum
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ