چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى
ئاپتۇرى: نۇرئەلى مەمەت كۆكلەم
تاللاپ سىنى يۈرەكتىن سۆيسەم ,
يار ئىشقىڭدا ئوت بولۇپ كۆيسەم,
يامان دەپسەن ھەم كۆڭۈل بۆلسەم,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى.
چۈشەنمىسەڭ مىنى قىلچىلىك ,
بىلەلمىسەڭ سۆيگۈم قانچىلىك,
ھالىڭ تۇرسا ئەنە شۈنچىلىك,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى.
ئەسلى ئۆتسەم سەن بىلەن بىللە,
ئىچىلمامتى سۆيگۈدىن گۈللەر,
ئەمدى بولدى مەنىسىز كۈنلەر,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى.
يول قويمىساڭ ماڭا بىرەر رەت,
ساق بىشىمغا ئەكەلسەڭ كۈلپەت,
يا ھالىمغا بولمىساڭ ئۈلپەت,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى.
خەق ئالدىدا قىلمىساڭ يۈزۈم ,
بىر ئىغىزغا ئۆتمىسە سۆزۈم,
سەن ئوخشايسەن مىنىڭ كەچكۈزۈم,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى.
ئىزدىمىسەم ئەسلا كارىڭ يوق,
كۈرۈشكەندە ۋاي دەپ ھالىڭ يوق,
بىلسەڭ مىنىڭ بۇنداق يارىم يوق,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى .
ھاياتىمدىن مەڭگۈ چىقىپ كەت,
گەر بولساڭمۇ تۇنجى مۇھەببەت ,
ئىزدىمەسمەن مەڭگۈگە ئەبەت,
چۈشەنمىسەڭ ئىزدىمە بولدى .
157 قېتىم كۆرۈلدى | نۇرئەلى مەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-12-7 14:42:15 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|