ۋىسالىڭغا ئەتكىن مۇيەسسەر
تۇرسۇن ئىمىن شەيدائى
( شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى )
بار نە سېھىر سەندە بىلمىدىم ،
ئاشىقلىققا قىلدىڭ گىرىپتار .
ھىجرانىڭدا بىر رەت كۈلمىدىم ،
كۆڭۈل قۇشۇم تۇرسا خېرىدار .
ھېسلىرىمغا سالدىڭ سەن كىشەن ،
ئەتراپىڭدا پەرۋانە بۇ تاپ .
سەۋدايىڭمەن ،سۆزۈمگە ئىشەن ،
ئاھ سېنىڭسىز يۈرىگىم بىتاپ .
ئايرالمىدىم كۈندۈز ،يا تۈننى ،
سۈرلۈك بېقىپ پىراق زۇلمىتى .
تارتىپ ئۆتتۈم بۇ شورلۇق كۈننى ،
بولسىمۇ گەر تاغدەك كۈلپىتى .
سېزەر بولساڭ ئىلكىڭگە سېنىڭ ،
تۇيغۇم تۇرماق ،ئىدراكىم تۇتقۇن .
يوق تاقىتىم زەررىچە مېنىڭ ،
كەتمەس بولۇپ كەل- باغرىمغا قون .
بەختىڭ ئىزدەپ كەيدۈرەي دەپ تاج ،
يۈردۈم ھىجران يۈكىنى ئارتىپ .
ئەيلىمىگىن تەلىيىمنى كاج ،
قىساسىمنى قالىسەن تارتىپ .
سۆيۈلۈشتىن ئارتۇق ئامەت يوق ،
يىمە ۋايىم ئارلىنىپ زارلاپ .
سۇندۇم ساڭا مېھرىمنى تولۇق ،
چەيلىمىگىن ئەقىدەم خارلاپ .
سۆيگۈڭ تىلەپ تۇيغۇلار تىترەر ،
سارايىڭغا تەلمۈرەر نىگاھ .
ۋىسالىڭغا ئەتكىن مۇيەسسەر ،
گۈل سىمايىڭ تەقدىرىمگە شاھ .
ۋۇجۇدۇمدا تونۇرنىڭ تەپتى ،
ئۆز قولۇڭدا ئوتقا بەرھەم بەر .
بەرگى غازاڭ مەجنۇنىڭ ئەپتى ،
تىنىغىڭسىز تىنىغىم ئۆچەر .
ئاپتور :بورتالا شەھەرلىك رادىئو -تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىدىن
2017.3.23
| 5237 قېتىم كۆرۈلدى | xeydayi | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2017-4-5 19:21:05 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|