ئىنتىلدىم
يازغۇچى: ئابدۇۋارىس ئوسمان
ياشلىققا قەدەم باسماي تۇرۇپ ،
سۈكۈتتە سەبىرگە ئىنتىلدىم .
پۇللارنىڭ سېھرىنى ياقتۇرۇپ ،
بايلىققا ئۈنتىنسىز ئىنتىلدىم .
دادامدىن ھۆنەرنى ئالماي تۇرۇپ ،
ھۆنەرسىز ياشاشقا ئىنتىلدىم .
قارئىشتاكۆپ خام-خىيال سۈرۈپ ،
شاھلارچە تۇرمۇشقا ئىنتىلدىم .
كىتاپتىن يىراق-يىراقتا تۇرۇپ ،
ناتىقتەك سۆزلەشكە ئىنتىلدىم .
بىلىمدىن لىباس كەيمەي تۇرۇپ ،
نام-شۆھرەت يۇلىغا ئىنتىلدىم .
جاپانى كۈرەپ باقماي تۇرۇپ ،
تىلكىمگە يىتىشكە ئىنتىلدىم .
راھەت تۇرمۇشتا ياشاپ تۇرۇپ ،
راھەتلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلدىم .
ۋىژدانسىز ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ ،
ھاۋايى - ھەۋەسكە ئىنتىلدىم .
غەپلەتتە شۇنداق يېتىپ تۇرۇپ ،
غەپلەتسىز كۆرنىشكە ئىنتىلدىم .
بىلىمگە ئۈندەشلەر بار تۇرۇپ ،
غەپلەتلىك ھاياتتا يىتىلدىم .
ھايات مەنىسنى بىلمەي تۇرۇپ ،
سىناقسىز ھاياتقا ئىنتىلدىم .
ھالالدا مۇشاققەت كۆپ بولغاچ ،
چاپاسىز ھارامغا ئىنتىلدىم .
دوزاققا لايىق ئەيپىم تۇرۇپ ،
جەننەتتە ياشاشقا ئىنتىلدىم .
| 409 قېتىم كۆرۈلدى | 944382894 | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-14 15:25:21 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|