سەكراتتىكى سۆز!
مۇھەممەد مىلىتسىيە
مەھەللىدىن يىتىپ كەلسۇن تۆت -بەش چوڭام
قاسىم ھاجىم
مامۇت قارىم
پاسىراخۇن سۇپۇم
ھېيتاخۇن تۇقۇم
يەنە سىپرەمخان بۈۋېم
گەپلىرىمنى يېزىپ دەپتەر پۈتۈپ قۇيۇڭلا
مەن ئۈلۈپ كەتسەم نۇرۇنگۇلنى ئۆيلەپ قۇيۇڭلا !
جاۋەندىڭى ئىككى مىڭنى زاكات بىرىڭلا!
ئۈچ نەزىرىمگە ~
يەتتە نەزىرىمگە ~
قىرىق نەزىرىمگە ~
يىل نەزىرىمگە ~
بىردىن توپاق سۇيۇپ بىرىڭلا !
ئاشقىندىكى كىيىملەرنى يىتىمگە بىرىڭلا ؟
تۈۋەن سىيەكتە بەش مو يەربار
ئۇبۇلغا بىرىڭلا!
يانچۇقۇمدا بىر تەسبىھ بار ھاجىغا بىرىڭلا!
يەرلىكىمگە توختى بىلەن ياسىن كىرىڭلا !
رۇزىخاننى يالغۇز قويماي بېقىپ قۇيۇڭلا!
ئانچە مۇنچە يوقلاپ بېرىپ دورا بىرىڭلا !
مىرازىغا چالۋا سالماڭلار تۇرسۇن كەلگۈچە!
ئايىۋاننى توختى ئالسۇن
ساراينى مەريەم
ئاشىقىنى ياسىن ئالسۇن
ئاسقانىنى غەيرەت ،
كەينىمدىن ياخشى سۆزقىلىڭلار بولمىسۇن غەيۋەت،
ئۈلۈمىمنى كىچىك قىڭلار بولمىسۇن ھەيۋەت،
ھالداشماندا بىر ئاكام بار
مۇساجان ئاتلىق
مال-دۇنياغا دۈم چۈشتۈم مەن
ئىزلىمەي بوپ كەتتۇق ياتلىق ،
قەرزىم بارنى ئالارسىلەر
ئالارىغا تۆلەپ
نامراتلارنى بەك بېقىڭلا
يوقسۇلنى يۆلەپ
غەيرىتىڭلار كەم بولمىسۇن
قىيىنچىلىقتا قالمايسىلەر ئۆلەپ!
گەر ئۇرۇندالماي قالسا نەسىھىتىم
قىيامەتتە ماڭا قەرىز بۇلۇرسىلەر بېرەلمەي تۆلەپ،
قوي-كاللىرىم ئاچ قالمىسۇن
بىرىڭلار ھەلەپ ،
مالدۇنيانى تالاشماڭلار پۈكتۈم ھەممىنى
ئالتە ئەركەك گۈۋاھ بولدى
كەتمىسە ئۆلەپ،
نەۋرېلەرنى ئۇقۇتۇڭلار ياخشى مەكتەپتە،
قارى …
ئالىم ……
ئۆلىما…
پەيلاسۇپ ……
تەتقىقاتچى …
مۇتەپەككۇر……
ھەربىي …
بۇلۇپ كەتسۇن يىتىشىپ ھەممىدە ئەلا،
خۇدايىمغا تاپشۇراي
كەتمەڭلا ياتلاپ
ئاناڭلار ھەم ئاتاڭلارنىڭ قەبرىسنى تاشلاپ.
مىلىتسىيە
2016/12/2
| 228 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد مىلىتسىيە | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-3 10:42:46 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|