تۇغۇلغان كۈنۈڭ
-ئىرپان نەبى
كەپتۇ مانا تۇغۇلغان كۈنۈڭ ،
ئۆكتەبىردەك گۈزەل بىر ئايدا.
تىلىكىم شۇ ئۆتكىنە كۈلۈپ ،
بولساڭ گۈلۈم ئۆزۈڭ ھەر جايدا .
بۈگۈن سىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ،
ئالدى بىلەن ئاناڭغا رەھمەت .
ئاتاڭغىمۇ ئىيتىپ قوي يارىم،
ئۇنىڭغىمۇ يەتمىسۇن زەخمەت.
نەدە بولساڭ ئامان بول گۈلۈم ،
ساقلىقىڭنى تىلەپ يۈرىمەن.
كۆز يۇمساممۇ چۈشلىرىمدە سەن،
گاھى جۈيلۈپ گاھى كۈلىمەن.
نەلەردىندۇر بەخىت ئىزدىمە،
بىلسەڭ بەخىت ئارمانلىرىڭدا.
تىلەكلىرىڭ ساپ بولسۇن گۈلۈم ،
بولسام دەيمەن خىياللىرىڭدا.
يامغۇر ياغسا خىيال قىلىمەن،
بۇ سوغۇقتا توڭغانمىدۇ دەپ.
چۈشلىرىدە بولمىغان بولسام ،
ياكى چۆچۆپ ئويغاندىمۇ دەپ.
سەنمۇ كەپسەن دۇنياغا گۈلۈم،
بۇ جاھاننى چۈشەنمەك بولۇپ،
يامان نىمە؟ ياخشى قەيەردە؟
چىن كۆڭلىڭدىن ئۈگەنمەك بولۇپ.
مەن سۆيىمەن چىن دىلدىن سىنى،
لايىق تۇرساڭ سۆيىشلىرىمگە.
كۆيىمەن ھەم پەقەت سەن ئۈچۈن ،
ئەرزىيسەندە كۆيىشلىرىمگە .
2016-يىلى 4-ئۆكتەبىر غۇلجا
54 قېتىم كۆرۈلدى | erpan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-10-4 23:18:35 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|