ئۆزۈڭنى سۆي

ئۆزۈڭنى سۆي

گۈلزىرە مەخمۇت

نەسرىي ئەسەر

 

ئۆزۈڭنى سۆي. ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلمىگەن كىشى باشقىلارنى سۆيۈشنى بىلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ سۆيمىسەڭ، باشقىلارنىڭ سۆيگۈسى ئالدىدا قەدىرسىز بولۇپ قېلىشىڭ مۇمكىن . ئۆزىنى سۆيەلىگەن ئادەم باشقىلارنىمۇ سۆيەلەيدۇ؛

ئۆزۈڭنى سۆي. ‹‹ مەن ئەڭ قالتىس !›› دەپ ئۆزۈڭنى ئاكتىپ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلە . ياۋا ئوت چېغىدا تاشلارنىڭ ئارىسىدىن قەيسەرلىك بىلەن ئۈنۈپ چىقىدۇ . ئۇنىڭدىن ھېچكىم ھۇزۇرلانمايدۇ ، كىشىلەرنىڭ نەزەر سېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ ، بىراق ئۇ پىسەنت قىلمىغان ھالدا ئۆسۈۋېرىدۇ . كىچىككىنە ياۋا ئوت چېغىدا ئۆزىنى سۆيۈشنى بىلگەن تۇرسا ، سەن بىر ئۇلۇغ ئىنسان تۇرۇپ ، ئۆزۈڭنى سۆيەلمىسەڭ، بۇنى نېمە دېگۈلۈك ؟ شۇڭا ، ئۆزۈڭنى سۆي، ئۆزۈڭنىڭ قەدرىنى ئۆزۈڭ قىل !

ئۆزۈڭنى سۆي. گەرچە سەن باشقىلاردەك ئەقىللىق، ئۇتۇق قازانمىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭدىن پەخىرلىنىشنى ئۆگەن . چۈنكى سەنمۇ دۇنيادا بىر يېگانە ئىنسان . ئۆزۈڭنى ھاياتىڭدا ئەڭ بىر دەپ بىل، ھېچكىم سېنىڭ ئورنۇڭنى باسالمايدۇ؛

ئۆزۈڭنى سۆي. سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىش، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ئەڭ يېقىنلىرى تەرىپىدىن ساتقىنلىققا ئۇچراش،تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش.....مەيلى قانداقلا ئىش يۈز بەرسۇن ، ھەممىسى ئۆتۈپ كېتىدۇ . ئاشۇ يېقىنلىرىڭ سېنىڭ ياخشى ئۆتۈشۈڭنى ئۈمۈد قىلىدۇ . ئۆزۈڭ ئۈچۈن ،يېقىنلىرىڭ ئۈچۈن ئۆزۈڭنى سۆيگىن ھەرۋاقىت !

ئۆزۈڭنى سۆي. ‹‹ سەنسىز ياشىيالمايمەن !›› دېگەنلەرگە ھە دەپ قوي. ۋەدىنى، ئەقىدىنى ئويۇن قاتارىدا كۆرگەنلەرگە بەك ئاھ ئۇرۇپ كەتمە ، ئۇلارنىڭ سەندىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ئۆكۈنمە ! ئۇنداقلارنى تەبەسسۇم بىلەن ئۇزىتىپ قوي! كەتكۈسى بارلارنى باغلاپ قويساڭمۇ ھامان كېتىدۇ، كەتكۈسى يوقلارنى قوغلىساڭمۇ كەتمەيدۇ .مانا بۇ كېتىدىغان ۋە كەتمەيدىغانلارنىڭ پەرقى. كەتكەنلەر كېتىۋەرسۇن، ئۇلارغىمۇ ئۆزىنىڭ خىلى ئۇچرايدۇ ، ساڭىمۇ ھەم شۇ !

ئۆزۈڭنى سۆي. يەلكەڭنى تاغدەك دەرد-ئەلەملەر بېسىۋالسىمۇ، تۇرمۇشنىڭ بېسىمى تۈپەيلى نەپەسلىنىشىڭ قىينالسىمۇ ، ئۆزۈڭگە بولغان مۇھەببەتنى تاشلىۋەتمە . بۇ مۇھەببەت سېنىڭ تېخىمۇ چىدامچان بولۇشۇڭغا يېتەكچى كۈچ بولىدۇ؛

ئۆزۈڭنى سۆي. ئۆزگىلەردىن ئارتۇق سۆيگۈ كۈتمە . سەن يۆلىنەي دېسەڭ، ۋاقتى كەلگەندە باشقىلار سېنى يۆلىمەك ئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى سېنى ئىتتىرىۋېتىشى مۇمكىن . بەلكىم يىقىلىشىڭ مۇمكىن ، يىقىلىشتىن ئىبرەت ئېلىشىڭ مۇمكىن . كۈچلۈكلەر ھۆكۈمران سۈرىدىغان ، ئاجىزلار شاللىنىدىغان جاھان بۇ ! ئۆزۈڭلا ئۆزۈڭگە ھەقىقىي تۈردە ياردەم قىلالايسەن ، شۇندىلا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولۇپ قالمايسەن، باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار بولۇپ قالمايسەن . كىملەرنىڭ ئەزىزى كىملەرگە خار بولمىغان دەيسەن ؟ بىراق، سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ خار قىلساڭ، كىم سېنى ئەزىز بىلىدۇ ؟ شۇڭا ، ئۆزۈڭنى ئەزىزلىگىن، شۇندىلا باشقىلارنىڭ ئەزىزلىشىگە ئېرىشەلەيسەن؛

ئۆزۈڭنى سۆي. ھاياتىڭدىكى بەزىلەر سوۋغا ، بەزىلەر يولۇچى، بەزىلەر ئىبرەت، يەنە بەزىلەر ئۈلگە. تېخى بەزىلەر ھېچنىمىگە ئەرزىمەس كىشىلەر .....ئەرزىمەس كىشىلەر ئۈچۈن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما، ئەمما قىممەتلىك ئادەملىرىڭ ئۈچۈن قولۇڭدىن كېلىشىچە قىل. گۈللەر گۈلى بىلەن ، ئادەملەر خىلى بىلەن دېگەندەك، سەنمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش ئادەمگە ئۇچرايدىغىنىڭغا ئىشەن !

ئۆزۈڭنى سۆي. ئۆتكەن تاڭلار ، كۈنلەر تەكرارلانمايدۇ. سۆيۈش، سۆيۈلۈش ھاياتنىڭ زىننىتى. مېھرىڭ بىلەن ئۆزۈڭنى سۆي، بارلىقىڭ بىلەن ھاياتنى سۆي ! ھاياتتا ھەرخىل ئادەملەرنى ئۇچرىتىسەن، سۆيىسەن، سۆيۈلىسەن، يۈرىكىڭ ئاغرىيدۇ، دىلىڭ رەنجىيدۇ، بىراق، سۆيۈشكە، سۆيۈلۈشكە يەنىلا تەلپۈنىسەن. چۈنكى، مۇھەببەت مەڭگۈلۈك تېما! سەن ھەممىنى سىناپ بېقىشىڭ كېرەك، شۇندىلا ھاياتىڭ مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ. ئاشۇ قايغۇلىرىڭ ، خارلىنىشلىرىڭ، تەلپۈنۈشلىرىڭ، سۆيۈشلىرىڭ.....سېنىڭ ھاياتىڭنىڭ بىر قىسمى، سېنىڭ پىشىپ يېتىلىشىڭنىڭ ئاچقۇچى. شۇڭا، قانداقلا ياشا، ئۆزۈڭنى سۆيۈشنى ئۇنتۇپ قالما، ئۆزۈڭنى سۆي، شۇندىلا ھايات سېنى سۆيىدۇ !

 

 

تۆت قۇلاق قەلىمىدىن

2017-يىلى 14-ماي   كورلا   

 

 

 

 





165 قېتىم كۆرۈلدى sansiz99 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-15 0:00:15  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ