ئەسلىدە
مەمەتجان سەمەت
چىدىيالماي ئىشىقى ئوتى دەردىگە،
بېرىپ يارىم مەھەلەڭگە سەھەردە.
شۇنچە ئۇزۇن كۈتسەممۇ سەن چىقمىدىڭ،
سەن ئۆيۈڭدە يوق ئىكەنسەن ئەسلىدە.
ئۇچۇر يېزىپ سورغىنىمدا مەن بايا،
جاۋاپ بەرگەن ئېدىڭ ئۆيدە دەپ ماڭا.
ئارشكارلىدىڭ سەن ئۆزۈڭنى يار مانا،
كۆيگەنلىرىڭ يالغان ئىكەن ئەسلىدە.
ئالدىڭدا مەن خار قىلمايمەن ئۆزۈمنى،
تەس بولسىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپ ئۆتمۈشنى .
ئەمدى ساڭا بىرەلمەيمەن كۆڭلۈمنى،
كۆڭلى قارا يار ئىكەنسەن ئەسلىدە.
ئۆتسەممۇ مەن تانھا ياشاپ ئۆلگۈچە،
تەشنا ئەمەس ئۇنداق يالغان سۆيگۈگە.
تەلمۈرمەيمەن ئەسلا قاراپ كۆزۈڭگە،
بىر ۋاپاسىز قىز ئىكەنسەن ئەسلىدە.
ئاپتورى. مەمەتجان سەمەت
ئۈندىدار : 308381500
ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ نامسىز قىلماڭ
355 قېتىم كۆرۈلدى | مەمەتجان سەمەت | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2017-3-17 23:47:36 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|