💝 قېرىنداش 💝 - ساۋۇت سەدەن (ئانارى)

💝 قېرىنداش 💝 

 ساۋۇت سەدەن (ئانارى)


  ئاسرا قېرىنداشنى قەدىرلە ئەبەت ، 

 چۇشەنسەڭ ئەڭ ئۇلۇغ قېرىنداش پەقەت ، 

دوس-يار تېپىلىدۇ ئىزلىسەڭ ئەگەر ،

 تېپىلماس يەنىلا قېرىنداش پەقەت ،

 ⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪ 

قالساڭ گەر چۆللەردە يىگانە پېتى ،

 ئىزلەيدۇ يەنىلا قېرىنداش سېنى ،

 تەكسەگەر تۇرمۇشتا بېشىڭغا داڭگال ، 

 ئاققىنى يەنىلا قېرىنداش يېشى ، 

 ⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪ 

ئېغىر ھەم،يىنىكىڭنى كۆتىرىدۇ ئۇ ،  

رەنجىتسەڭ يەنىلا كەچۇرىدۇ ئۇ ،  

 ئولتۇرسا قوپسىمۇ خىيالى سەندە ،  

 سەن ئۇچۇن جاندىنمۇ كىچەلەيدۇ ئۇ ، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪

تەڭرىنىڭ ئەڭ ئىسىل سۇۋغىتىمۇ شۇ ،

كۆڭۇلنىڭ شاتلىغى ئارامىمۇ شۇ ،  

كۆكتە ھەم پارلىغان قۇياشتەك مېھرى ، 

 ھەر قەدەم غەلبەڭنىڭ مادارىمۇ شۇ ، 

⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪⏩⏪
     





312 قېتىم كۆرۈلدى ساۋۇت سەدەن (ئانارى) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-30 14:41:50  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-11-4 11:28:13 شەھلا
ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ،ئاپرىن سىزگە قولىڭىزغا دەرت بەرمسۇن
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ