ياشلىق كەتتى
ئاپتورى : 🌺چىچەك🌺
يىقىلدىم جۈپ قاناتىم سۇندى ئېغىر يارلاندى،
نىم جان بولۇپ تەنلىرىم يەردە شۇنچە خارلاندى.
دوسلىرىم كۆرۈپ ھالىم يىغا ئالدى ئېچىنىپ،
دۈشمەنلىرىم چېپىپ كەلدى مەسخىرە ئارلاش ھىجىيىپ.
ھايات دىگەن شۇنداق ،ھەر قىسمەت بار بېشىڭدا،
يىقىلغاندا كىم يۆلەيدۇ كىملەر كۈلەر قېشىڭدا .
ھايات بەرگەچكە ماڭا خىلمۇ-خىل ئىسىل نىممەت،
ئۆمۈد چىرغىنى ئالدىم تۇرماقنى نىشان ئەيلەپ .
شەيتان كىلىپ قول ئۇزاتتى يىقىلسام يۆلىمەك بولۇپ،
ئاق قولۇمنى بەرسەم نىچۈن ئۆزگىرىپتۇ قارا بولۇپ .
ماڭدىم گۈزەك چىرايلىق زەپ چىرايلىق يوللاردا،
بىراق كەتتى ياشلىغىم شۇ يوللاردىكى قوللاردا .
تىكەن دەسسەپ ماڭساممۇ پۇتلىرىمدىن قان قۇيۇپ،
گۈل-چىچەكلەر ئېچىلار ئىدى ئايىغىمدىن بوستان بولۇپ .
ئەمدى قىلسام كەلمەسكەن مىڭ پۇشايمان ئورنىغا،
قانداق قىلسام كىرەرمەن ياشلىقىمنىڭ قوينىغا.
باشلىما پۇتۇڭنى زىنھار ئوتى ئۆچكەن خارابەتكە،
قۇتقۇزۇپ قالغىن تىنىڭنى مېھىرسىز قويما غۇربەتتە.
2016-11-11
292 قېتىم كۆرۈلدى | يەسىرە چىچەك | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-12-16 14:11:26 | :يوللانغان ۋاقتى |
2016-12-19 12:44:29 | ھەققانى |
بەك ياخشى يىزىپسىز |
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|