ۋىسالنىڭ دەشتىدۇر جەننەت (غەزەل) - ئابدۇقېيۇم ئابدۇللا قادىرى

ۋىسالنىڭ دەشتىدۇر جەننەت
ئابدۇقېيۇم ئابدۇللا قادىرى

رىۋايەتتە ئاڭلاپتىم سىنىڭ ئىسمىيۇ زاتىڭنى،
بىراق كۆرسەتمىدىڭ دىلبەر زىبا سۆلەت-سىياقىڭنى.

ئەجەپ قىلدىڭ كەبى مەجنۇن ئىشىق دەشتىدە ۋەيرانە،
قىلىپ مەشئەل يۈرەگىمنى كۈتەي پەيلى-قارارىڭنى.

شىۋى قەدرى كىچەسىدە كۆرۈنگەن نۇر-زىيا ئەردىڭ،
ۋېسالىڭنىڭ تاماسىدا ئۆچۈرمەيمەن چىراغىڭنى،

ئىلىپ قەددىم بولۇپتۇر يا سىنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا،
قىروۋ چاچتى چېكەمگە ئاق بىرەر كۆرمەي دىدارىڭنى.

دىيانەتتە ئۆلۈپ كەتسەم ۋېسالىڭ دەشتىدۇر جەننەت،
كۆڭۈل ئاستانەمدە ساقلايمەن پەرىشتىدەك سىمايىڭمى.

ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ مەيلى پەقىرنى بىر قوبۇل ئەيلە،
بولاي مەھكۈم دوزاققا ھەم سۈرۈپ ۋەسلى-ۋېسالىڭنى.

ياشايدۇ قادىرى سەنچۈن كۈتەرسەنمۇ ئەزىز دىلبەر،
ھالا تاڭلا قىيامەتتە قىلىپ تەقدىم باھارىڭنى.


2016-يىل 18-يانۋار
قىزىلسۇ ئاقتۇ شەرىقى يىكەنكۆل





54 قېتىم كۆرۈلدى kaderi0127 ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-3-30 0:18:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ