قولۇمنى چىڭ تۇت

قولۇمنى چىڭ تۇت

 

پاتىمە

 

 سېغىندىم سىنى كۈتتۈم كۆپ ئۇزاق ،

كەلمىدىڭ لېكىن كەتتىڭ سەن ئۇزاپ .

 ئۆرتىدى دىلنى ھەسرەتلىك پىراق ،

 كەتكەچكە جېنىم ئىزىڭنى بۇراپ .

 

 يۈرىمەن ھەر كۈن تىنەپ -تەمتىرەپ ،

 كۆزلىرىم يۈرەر بىر سىنى ئىزلەپ .

 ئۆتتى نەچچە ئاي ئۆزۈمنى بەزلەپ ،

 نىم قىلارىم بىلمەي قالدىم ئەنسىرەپ .

 

كەتتىم ئاخىرى سەندىن يىراققا ،

قەلبىمنى ئۆرتەپ دەرتلىك پىراققا .

قەدرىگە يەتتىم ھەممە نەرسىنىڭ ،

 لېكىن كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا .

 

يۈرىمەن مانا يات شەھەر ئارا ،

 كۆزلىرىم نەمدە يۈرەكلەر يارا .

 يارنىڭ سىماسى قەلبىمدە يانا ،

 بارمىدۇ مىنىڭ دەردىمگە داۋا .

 

 كۆردۈم بۇ يەردە ھەممە ھەممىنى ،

 ئايرىلىپ بىلدىم بارنىڭ قەدرىنى ،

 چۈشۈنۈش نىمە ؟مۇھەببەت نىمە ؟

 ھىس قىلغۇدەك بولدۇم ھەقىقى سۆيگۈنى .

 

 كەلدىڭ ئاخىرى قايتىپ يېنىمغا ،

بەخىت قۇشۇمنى ئېلىپ قۇلۇڭغا .

 كەلگىن ئەزىزەم باساي قوينۇمغا ،

شۇنچە تەلمۈرگەن ئىدىم يۇلۇڭغا .

 

تۇتقىن قولۇمنى مەڭگۈ ھاياتىم ،

بىر ساڭا مۇھتاج مىنىڭ جاھانىم .

بىر سەنلا ئۈزۈڭ بەخىت قۇياشىم ،

 يېنىڭغا بارغۇچە ساقلا سۇلتانىم .

 

 ساقلا مىنى ساقلىغىن جانان ،

يۈرەك ئىنتىلەر سەن تەرەپ تامان .

 سەن بولساڭ جېنىم نە بولسۇن ئارمان ،

 ئارزۇ ۋىسالغا يەتكەيمىز ھامان .





156 قېتىم كۆرۈلدى پاتىمە ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-1-26 18:04:59  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-21 18:06:45 haha
paqattttttttt
2016-2-3 21:36:59 بولدىكەنغۇ
ئابدۇسالام
2016-2-3 19:46:29 😍
ئ‍اداش بەكلا ياخشى يېزىپسە قۇلاڭغا دەت بەمىسۇن تېخىمۇ تىرىشقىن 😘😘😘
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ