قويىۋەتكىن مىنى خىياللار
نۇرمۇھەممەت ئازغۇن يازمىسى
تۇرۇپ خىياللارغا چۆكۈپ كىتىمەن. يا باش ئايىغى يوق. يا تىگى يوق. ئاخىرىنى چىقىرالماي ئۇخلاپ قالىمەن........
********
خىياللىرىم تاشلىما مىنى،
ئاخىرى يوق چۆللەر ئىچىگە.
قىيناپ يۈرمە يۈرەكنى يەنە،
مەھكۇم قىلىپ سوغۇق كىچىگە.
**********
مەنمۇ تاتلىق بىر ئۇخلاپ باقاي،
شىرىن چۈشلەر كۆرۈي كىچىدە.
چىرايىمدا كۈلكە قاينىسۇن،
راس بولمىسىمۇ مەيلى چۈشۈمدە.
***********
ئاتا قىلغىن ماڭا سۆيگۈنى،
تەنھالىقتىن مۇزلىدى يۈرەك.
چۈشلەرىمدە سەيلىگە باراي،
ھەمرا بولسۇن بوستان سىكىلەك.
************
خوش دەي سىنى سوغۇق خىياللار،
كەلمە ئەمدى يىنىمغا قايتىپ.
يوللۇق تۇتاي قايغۇنى ساڭا،
يىراقلارغا كەتكىن سەن ئىلىپ.
*********
قويىۋەتكىن مىنى خىياللار،
پەرۋاز قىلاي بولۇپ ئەركىن قۇش.
غەم - قايغۇلار، ئازاپلىق كۈنلەر،
قىپ قىلىڭلار، مەن كەتتىم خەير خوش.
**********
2015-6-19 سەھەر
نۇرمۇھەممەت ئازغۇن يازمىسى
ئۈندىدار: 787204543
**********
| 121 قېتىم كۆرۈلدى | ئازغۇن | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-19 16:53:31 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|