جىمجىت كۆلبە - مەمەتجان باش كارۋان

 جىمجىت كۆلبە
مەمەتجان  باش كارۋان

ئوخشىتارمەن جىسمىمنى،
تەنھا ھەم جىمجىت كۆلبىگە.
يەتمىسۇن ناداندىن شىكۋەت،
ئاسايىشلىق مېنىڭ تەختىمگە.

يىراقتىن تاراپ مەنلىك ئۇپقۇن،
يۈرەكتە ئىزتىراپ چوقان سالۇر.
كەتمە قالغىن روھىمغا ھەمراھ،
كۆلبەم سەن مېنىڭ نۇرىڭ يانۇر.

خىيالىم خاھلىماس ھېچ تاڭدىن،
بۇلبۇلنىڭمۇ ھەم سايراشلىرىنى.
كۆلبەم مېنىڭ جىمجىت قالسۇن،
ئېلىپ كەت جار سېلىشلىرىڭنى.

     





76 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-12-14 16:11:17  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-12-18 16:54:47 ئەكبەر
مەنىسى چوڭقۇر شېئىر.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ