سۆيگۈ ئىخرارى
ئىمىنجان ئابدۇرىھىم
كۆكسۈمدە لەيلىگەن ناتىۋان قۇشسەن،
پەرۋازىڭ سۆيگۈمگە ياسايدۇ قانات.
سېنىڭسىز بۇدۇنيا گۆرىستان ماڭا،
سەن بولغاچ مەن ئۈچۈن مەنىلىك ھايات.
سەن مېنىڭ قەلبىمدە سۆيگۈ دېڭىزى،
قەھرىڭگە قەھرىمدىن شۇڭغۇپ كىرىمەن.
يارىلانغان قەلبىمگە ئىزلەپ جاۋاھىر،
سۇ بولۇپ تىنىڭگە تىنماي سىڭىمەن.
لەگلىكىم ھەر قانچە ئېگىز ئۇچسىمۇ،
يىپلىرى يەنىلا سېنىڭ قولۇڭدا.
سەن ئۈچۈن ئېسلغان چاغدىمۇ دارغا،
بىلىكىم يەنىلا سېنىڭ بويۇڭدا.
سېنى دەپ قەلبىمگە ياسىدىم قەسىر،
ئادەمىي شەيتانلار ئاچالمايدىغان.
قاچانكى قەسىرىمدىن يوقالساڭ ئەگەر ،
بىمارمەن مەڭگۈلۈك ساقايمايدىغان.
شۇڭا سەن قەلبىدىن كەتمە يىراقلاپ،
چىقمىغىن تالاغا بوسۇغا ئاتلاپ.
غايىپ تۈن قوينىدا ئۇخلاپ قالساممۇ،
ياتىمەن يەنىلا ئىسمىڭنى يادلاپ.
قەلبىمگە گۈللۈك باغ ياسىدىم ساڭا،
بېغىمدىن بىمەھەل ئۇچۇپ كەتمىگىن.
سەۋدالىق ئوتىغا تاشلاپ يىگانە،
ئۆمۈرلۈك بەختىمنى يۇتۇپ كەتمىگىن.
سەن مەندىن كېچىشنى ئويلىغان بىلەن ،
مەن سېنى ھەر قاچان يېنىمدا دەيمەن.
مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا غەرىق بولساممۇ،
سەن ئۈچۈن تۆكۈلگەن قېنىمدا دەيمەن.
103 قېتىم كۆرۈلدى | ئىمىنجان ئابدۇرىھىم | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-11 13:23:33 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|