ساقچىلار ئۇلۇغ
گۈلنىگار مەترۇزى (نىگارخان )
جاپالىق ئىشلەيدۇ ئەسلا ۋايسىماس ،
ھەر قانچە ماڭسىمۇ پەقەت چارچىماس ،
خەلق غېمىدە ئۆزىنى ئويلىماس ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
چارلايدۇ كېچىنى قاراڭغۇ دېمەي ،
ۋەزىپە ئالدىدا تاماقمۇ يىمەي ،
ئەل ئۈچۈن يۈرەر ھەرۋاقىت ئۈندىمەي،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
يول يولدا چىراق بولۇپ ئۆزى يانار ،
بىز ئۈچۈن قاتناشنى تەرتىپكە سالار ،
ۋەقەگە ھەم يەنە ئالدىدا ماڭار ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
ئىزدەيدۇ يۈتتۈرۈپ قويساق بالىمىزنى ،
باشلايدۇ گەر تەمتىرسەك يولىمىزنى ،
سىلايدۇ كۈن چۈشسە ھەم بېشىمىزنى ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
جىنايەت شەيتىنى بىزنى ئازدۇرسا ،
ئەل ئۈچۈن بىئەجەل جان پىدا قىلسا ،
ھەق ئۈچۈن ھەر زامان شام بولۇپ يانسا،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
ئانىسى ئۆي ساقلار ئىگە چاقىسىز ،
ئايالى ئائىلىدە يالغۇز ئەرسىز ،
بالىلىرى ھەم چوڭ بولار دادىسىز ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
مۇھەببەت دوقمىشى دائىملا قېيداش ،
يا مەشۇقنىڭ بىررەت كۆڭلىنى ئالماس ،
سۆيگۈدىن كەچسىمۇ بۇرۇچ ئۇنتۇلماس ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
پولاتتەك قامىتى سوغۇقتىن قوقماس ،
پىژغىرىم ئاپتاپتا يولىدىن يانماس ،
مۇقەددەس فورمىدىن بىرئۆمۈر تانماس ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
خەلق ئۈچۈن ئۆتتى قىران ياشلىقى ،
قىلغان خىزمىتى ئەلنىڭ شادلىقى ،
كىرىپلا ئوتتۇزغا كەتتى شاشلىقى ،
ھەممىدىن يەنىلا ساقچىلار ئۇلۇغ .
2016-12-24كۈنى
| 160 قېتىم كۆرۈلدى | nigarhan | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-25 2:02:09 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|