يايرىم سىنى ئەسلەپ

         يارىم سىنى ئەسلەپ
       
    سۈبىھنۇر ئاتەش دولان

كەلدىم يىراقتىن ناتۇنۇش يۇرتقا،
كۆزلۈرۈم كوچىدىن ئ‍ىزدەيدۇ سېنى.
بىراق كۆرۈنمەس تونۇش چىرايىڭ،
سەنمۇ مىنىڭدەك ئ‍ىزلەمسەن مېنى.

كىچىلىرى چۈشۈمدىن چىقمايسەن پەقەت،
نەچچە رەت ئ‍ويغىنىپ كىتىمەن ئ‍استا.
كۆرگۈنۈم شۇدۇر قاراڭغۇ كىچە،
يۈرىكىم يىغلايدۇ ئەلەملىك ياشتا.

قەدەملىرىم ئ‍استا ماڭىمەن ئ‍ۇزاق،
بىلىمەن مەنزىلىم شۇنچىلىك يىراق.
قارا كۆزلەرگە تولار ئ‍اچچىق ياش،
يۈرەكنى قىينىسا سىغىنىش پىراق.

بىلىمەن سەنمۇ ئ‍ەسلىدىڭ مىنى،
چۈنكى قەلبىڭدە ياشايمەن ئ‍ەبەد .
ھىجراننىڭ ئ‍وتلىرى قىينىسا سېنى،
گۈلۈم ماڭا قارىتىپ ھەيدىۋەت.


مۇھەررىر: ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار :2041420589



     





174 قېتىم كۆرۈلدى ataxdolan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-3 12:13:28  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ