توغرا بولغاچ سىياسەت (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

توغرا بولغاچ سىياسەت
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

توغرا بولغاچ سىياسەت،
ئۆزگىرىشلەر كۆپ بولدى،
ئىشچى-دېھقان،كادىرلار،
قول تۇتۇشۇپ دوست بولدى.

مېھىر بېرىپ ئۆز-ئارا،
قەلىپلىرى تۇتاشتى،
روھلىرىنى ئۇرغۇتۇپ،
دادىل ئالغا چامدىدى.

يېتەكلىگەچ پارتىيە،
بولدۇق ھەممە ئىتتىپاق،
تۇرمۇشىمىز باياشات،
ھەممە جايدا خۇشپۇراق.

ئېلىپ بارغاچ ئىسلاھات،
ئېچىۋېتىش بىرگە ھەم،
ئۇلۇق ئانا ۋەتەندە،
تەرەققىيات ھەر قەدەم.

ئىناقلىقنى تەكىتلەپ،
ھاللىق جەمئىيەت قۇرايلى،
سوتسىيالىستىك قۇرلۇشقا،
بەلنى مەھكەم باغلايلى.
     





114 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-6 8:14:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ