قايتىمەن جانانىم

         قايتىمەن جانانىم

ئابلىمىتجان ۋاھاپ

سالغانىدىڭ يولغا مىنى سەپەر ئۇستىدە،
بارالمىدىم بىللە ،ئامان بولغىن خەير دەپ.
قوشۇپ قويغىنىڭ ھىلىمۇھەم ئىسىمدە،
ئۇنۇتما سۆيگۇڭنى،بىر سۇيگۇمنى دەپ.

قوزغالماقچى بولغىنىدا چوڭ  ئاپتوبوس،
قالمىدى تۇرۇشقا ئازىراقمۇ ۋاقىتڭ بوش.
ئۆزۇڭنى ئاسىرا،تاماقلىرىڭ ۋاقتىدا بولسۇن،
قىيالماستىن دىگەن ئىدىڭ بىر ئىغىزلا خوش.

كىرگەنىدىم تىنجىق ھاۋا ئىچىگە شۇڭغۇپ،
ساڭا قالدۇردۇم ۋەدە،كەتمەسكە ئۇنتۇپ.
قالدى سەھرايىم،قالدىڭ كەتتىم بىرلا تەنھا،
دىگەنتىڭ يادىمدا كەلگىن زەپەر قۇچۇپ.

ئۆز ئارزۇيۇم،ئۆز كەلگۇسۇمنى بىزەي دەپ،
ئايرىلدىم ئانامدىن،دادامدىن ئانا يۇرتۇمدىن.
مۇساپىر بولدۇم، باغلار كەزدىم بىلىم دەپ،  
ناھەقتىن جىدەلدە ئاقىتى قان بۇرنۇمدىن.

يۇرتۇم توپاڭغا ئۆزۇمنى ئاتىمەن بۆگۇن،
جانانىم ۋەدە ، ۋەدەمنى قالمىدىم ئۇنتۇپ.
ھەممىنى ئىلىپ بارىمەن زىمىنىڭغا بۆگۇن،
ئۆزۇمنى، يۇزۇمنى، ئاچچىقنى يۇتۇپ.


     





44 قېتىم كۆرۈلدى tanhaturna ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-7-1 14:06:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ