مېھرىمنى بېرەي - مەممەتجان باش كارۋان

مېھرىمنى بېرەي

 مەممەتجان  باش كارۋان


ئال خۇشلۇقۇمنى تانما زىنھار،
يۈرەگىم ھەم مېھرىمنى بېرەي.
قال يېنىمدا ۋىسالنى بەر كەتمە،
چىن پۈتكەن ساداقەتنى بېرەي.

گۈل تۇتاي باقاي ھەم نازلىرىڭغا،
يۈرەكىڭگە ئىشىقتىن ھەل بېرەي.
كۈلگەن كۆزلىرىڭدىن بۇلاق ئىزلەي،
بۇلبۇل بولساڭ بوستاننى بېرەي.

ئاھ-مەيلىم ھىدلىرىڭنى ئىزلەر،
يانىمدا بولساڭ غەمدىن يىراقمەن.
جانان مەيلىڭ بارمىدۇر بىلمىدىم،
ئىشقى - پىراقىڭدا يانغان چىراقمەن.     

      





208 قېتىم كۆرۈلدى bashkarwan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-11-21 12:01:55  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ