تۆكمە يىشىڭنى

تۆكمە يىشىڭنى 

 

 ئالىمجان تۇرسۇن كىچىك نەزەر 

 

 مەيلى جاپا كەلسىمۇ ساڭا ،

تۆۋەن قىلما ھەرگىز بىشىڭنى .

باتۇرانە ئ‍ەركەك بوپ ياشا ،

 يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

مەيلى كۆزگە ئ‍ىلمىسا بىرى ،

 ھۆرمىتىڭنى قىلمىسا بىرى .

 ياكى سىنى تىللىسا بىرى ،

 يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

مەيلى يولۇڭ ئوچۇق بولمىسا ،

شۇ يولۇڭغا گۈللەر تولمىسا .

قەدىمىڭگە تۇزاق قۇرۇلسا ،

يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

بۇران ئ‍ۇرسا كۈتكەن بەخىتىڭنى،

 ياۋلار ئ‍السا ياكى تەخىتىڭنى .

 ئ‍ىيتالمىساڭ ياتقا دەردىڭنى ،

 يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

 يىغلامسىراش ساڭا ماس ئ‍ەمەس ،

ئ‍ازاپلاندىم دىمە بولدى بەس .

 چىداملىققا ھىچنەرسە يەتمەس ،

يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

ئ‍ۈگەن شۇڭا باتۇر بولۇشنى ،

بارچىسىگە سەبىر قىلىشنى .

ئ‍ارزۇلىساڭ ئ‍ەجىر ئ‍ىلىشنى ،

 يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

 ئ‍از ئ‍ەمەستۇر زىممەڭدە قەرىز ،

ئ‍اجىز قوغداش سەن ئۈچۈن پەرىز .

 شۇڭا يىغلاپ يۈرمىگىن ھەرگىز ،

 يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

 ئ‍ازاپلاردا قالسىمۇ يۈرەك ،

 سەبىر بىلەن ياشىشىڭ كىرەك .

 بولاي دىسەڭ ھەقىقى ئ‍ەركەك ،

يىغلامسىراپ تۆكمە يىشىڭنى .

 ❤

2016.2.1كۈنى





173 قېتىم كۆرۈلدى ئالىمجان تۇرسۇن ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-2 0:18:34  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2016-2-13 6:59:34 esel0995
ياخشى يېزىپسىز
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ