سورۇندا - ئەكبەر ئەركىن

 سورۇندا
 ئەكبەر ئەركىن
توۋا!
كۆرمىگەننى كۆردۈم سورۇندا،
ئولتۇرار بىر نەچچە قىز يىنىمدا.
قىلىقلىرى ھايۋاندىن  بەتتەر،
ئالدىدا ھاراق، قولىدا تاماكا.

ئېرى باركەن يىندا تېخى،
ئىچىشتى لىقلاپ قەدەھنى.
مەست بولۇپ ئۇنتۇپ ھەممىنى،
كەشلىرى كىردى ئۆزگى قوينىغا.

دېدى بىرى«سورۇن كۆرگەن بىز،
سىناپ كۆرۈڭ ئىچىشىپ باقىمىز.
قاراپ باقسام تېتىمايدىكەنسز،
تەسلىم بولمايمەن سىزگە ھەرگىز»

كەيىپ ئېرى ئاڭلاپ بۇ گەپنى،
خوشلىقتا قوللىدى خوتوننى.
تاپالمىدىم يۈزنى قويغىدەك يەرنى،
ئېھ! ئۇيغۇرۇم خىسلىتىڭ قايدا!؟

ئىپپەت نۇمۇس يوقاپتۇ قىزدا،
كۆپ ئولتۇرۇپ ھاراق سورۇندا.
ۋىجدان يوقاپتۇ شۇ ئەر جىسمىدا،
يۈركۈم يىغلىدى قاراپ ئۇلارغا.


ئانا بولىسەن بىركۈنى ئەي قىز،
مىللەت ئەتىسى بولمايدۇ سەنسىز.
ئۇنۇتما بۇرچىڭنى ھەرگىز،
ھاراق ئەمەس بۆشۈك ھەمرا ساڭا.

2016/10/7
     





50 قېتىم كۆرۈلدى akpar430 ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-8 0:33:02  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ