توشقان چۆلى

توشقان چۆلى 

        ئەي ئۇلۇغ ئەزىز دىيار توشقان چۆلى،
         سەندىدۇرئەجدادلىرىم قەبرەئۇلى.
         باغرى كەڭ ئەخلاققا بايدۇر سەندىكى خەلىق،
         شۇڭا پاكلىق ساپ   غورۇر تۇتقان يولى.


        مەن ئۈچۈن تۇتىيادۇرتۇپراقلىرىڭ،
       چۈنكى سەن قىلغاچ مىنى يۇرتنىڭ خىلى.
        شائىرىڭ كۈيلەپ تۇرار دائىم سىنى،
       بولغاچقا ئۇقوينۇڭدابىرئەلبۇلبۇلى.


       كىم سىنى چۆل دەيدۇ باغرىڭ تۇرسا باغ،
      لالىزار ئەيلەپ سىنى خەلىقىم قولى.
      مەن ئاڭا شاھىت بولۇپ ئۆسكەچ سەندە،
    ماختىماي قانداق قىلاي توشقان چۆلى…


    سەنئەت سۈيەر ئەزىز خەلىقىم بولغاچقىلا،
    ياڭرىغاي ھەر جايدا نەغمە مەرغۇلى .
    ماختىسام داستان پۈتمەس يۇرتۇم سىنى،
     بارچە يۇرتتىن كاتتاسەن توشقان چۆلى.     





32 قېتىم كۆرۈلدى utukyar ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-9-14 20:02:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ