ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا
ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا
سنىلىدۇ دوس بۇرادىرىڭ،
ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
بىلىنىدۇ قېرىنداشلىرىڭ،ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
يالغۇزچۆلدە قېلىشىڭمۇ بار،
كىملەرگىدۇرقېيدىشىڭمۇ بار.
توي -تۆكۈندىن قېلىشىڭمۇبار،
ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
مىۋە بەرمەي باراڭ-باغلىرىڭ،
كۈيگە كەلمەي چالغان سازلىرىڭ.
پىنھان جايدا ئىگىك باشلىرىڭ،
ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
تاپالماستىن دەرھال ئېسىڭنى،
زارلىنىسەن تۆكۈپ يېشىڭنى.
يىگۈڭ كەلمەي ھەتتا ئېشىڭنى،
ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
چاندۇرماستىن يەنە كۈلسەن،
تەسىللىگە مۇھتاج بولىسەن.
تالاي ئىشقا كۆنۈپ قالىسەن،
ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
تۈگۈشىسەن چۈشكۈنلا يۈرسەڭ،
بەخىت كېلەرئۈمىدكە چۆكسەڭ.
تەقدىربەرگەن ئىمتىھان بىلسەڭ،
ئالقىنىڭدىن ئامىتىڭ قاچسا.
/2015/10/5
184 قېتىم كۆرۈلدى | ئابدۇمىجىت ئىمام غۇلجا | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2015-10-11 15:29:31 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|