ئىدىڭ - قىزىل تۇمان

 ئىدىڭ
ناخشا تېكىستى
ئاپتور ئاقسۇ بايدىن قىزىل تۇمان

زىمىستان قەلبىمگە چىللانغان باھار ئدىڭ،
كۆڭۈل بېغىمدا ئېچىلغان گۈلۈم ئىدىڭ.
نە تەقدىر ئايرىدى سېنى مېنىڭدىن،
ھاياتىمنىڭ خۇشخۇي مەناسى ئىدىڭ.

ئازابنى ئۇنتۇلدۇرغان نىگارىم ئىدىڭ.
خۇشاللىقنى ماڭا تۇتىيا قىلغان يارئىدىڭ،
نە سەۋەب تاشلىدىڭ مېنى نىگارىم،
سەن ئاجىز تېنىمدە يۈرۈكۈم ئىدىڭ.

يۈرۈكۈم ئىدىڭ ئەي يار  ھاياتىم ئىدىڭ.
قاراڭغۇ تۈنۈمدە يانغان بىرشامىم ئىدىڭ.
سەنسىز بۇ دۇنيا ماڭا زۇلمەت قاراڭغۇ.
كۆڭۈل ئاسمىنىمدا بىر ئۆزۈڭ  قۇياشىم ئىدىڭ.
     





44 قېتىم كۆرۈلدى kiziltuman ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-23 12:48:37  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ