كىلەلەمسەن
تۇرغۇن راخمان ( كەمتەر )
گۈللەر سۇندۇم سېنى سۆيگەچ نەچچە رەت ،
چىن دىلىمدىن ئاشىق بولغاچ مەن ئەبەت .
ئەپسۇس پىسەنت قىلمىدىڭغۇ ئەي نادان ،
تەبەسسۈمىڭ قىلىپ خۇشخۇي كىلەلەمسەن ؟
يوللىرىڭغا تەلمۈردىمغۇ ئېچىرقاپ ،
ئويلىرىڭغا يىتەرمەنمۇ تېڭىرقاپ .
سېغىنىشتا ئازاپلاندىم ھەسرەتتە ،
سۈكۈتلەردە بولماي بىھۇش كىلەلەمسەن ؟
چۈشلىرىمدە كۈلۈشلىرىڭ كۆرەي دەپ ،
تىلەكلىرىم بىر سېنىڭكى غېمىڭ يەپ .
سەھەرلەردە يوللىرىڭغا قارايمەن ،
جانىم مەڭگۈ سۆيىمەن دەپ كىلەلەمسەن ؟
ئىشقى پىراق سېغىنىشتا مۇڭسىراپ ،
تەنھا يۈرۈپ غېرىپلىقتا ھالسىراپ .
ئەقىدەمنى بىلەلەمسەن بىلمىدىم ،
بىر سەن ئۈچۈن ياشايمەن دەپ كىلەلەمسەن ؟
يازنىڭ غېمى ئۆتۈپ كەتتى بىلدىڭمۇ ،
يۈرەكلىرىم كاۋاپ بولدى سەزدىڭمۇ .
بىر سەن ئۈچۈن قۇربانلىققا تەييارمەن ،
ئەقىدەمنى قىلماي خاراپ كىلەلەمسەن ؟
پەرۋېش قىلىپ گۈللىرىڭنى ساقلىدىم ،
ئانچە - مۇنچە ياۋا گۈللەر تاقلىدىم .
ئۈمۈدىم شۇ بىر سەن ئۈچۈن جان بېرىش ،
ئەقىدەمدە ساقلىدىمغۇ كىلەلەمسەن ؟
غېرىپ مىسكىن بولماي دەيمەن ئەبەدكە ،
خۇشتار ئەمەس ياتلار بەرگەن شەرەپكە .
ئوتلىرىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم رازىمەن ،
ئەمدى قايتا ئازاپ سالما كىلەلەمسەن ؟
96 قېتىم كۆرۈلدى |
turhun |
ئەسەر يوللىغۇچى : |
2017-6-19 1:44:42 |
|
:يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
ئىنكاس يېزىڭ