ئۇنتۇش ۋە ئۇنتۇلۇش خاتىرسى - ‏خۇما (يامغۇر)

         ‏ئۇنتۇش ۋە ئۇنتۇلۇش خاتىرسى
‏خۇما (يامغۇر)

‏يامغۇرلۇق بىر كۈنى،
‏پۈتۈن بىر كىچە،
‏ئۆز-ئۆزۈمگە چىلىنىپ ئولتۇرۇپ،
‏پارە-پارە قىلىپ چېقىپ تاشلىغانچە،
‏ھەسرەتنى قۇچاقلىرىمدىن يۇلۇپ ئېلىپ،
‏بارچە ھەسرەتلىرىمگە قېتىپ،
‏ئەسلىمىلىرىمنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلمەن،
‏توزىتىمەن ئازاپلارنى يامغۇرنىڭ تەن بەرگىدىن،
‏ھەممە قۇتۇلىدۇ ئۆلۈم ئىسكەنجىسدىن،
‏كىچە قوينۇمدا ئىدى،
شۇدەم ئىچىم قانىدى ،
لىققىدە ھەسرەت ئارىلاش سىغىنش باغرىمنى ئۆرتىدى،
‏ئەپسۇس،يۈرۈكۈم ئاغرىقنى سەزمەسلا بولدى...
‏ئازاپلانغۇم يوق،
‏ھەسرەتكە قۇل بولغۇم يوق،
‏ئۆلگۈم بار ئىدى،
‏ئۆلۈمدىن قورقىمەن،
‏ئەمما ئاسان ئۆلۈم تىلەيمەن دائىم،
‏ھەسرەتكە ئايلانغان يۈرىكىمنى يۇلۇپ ئۇلتۇرۇپ،
تاتلىق ئۇخلىغان پىتى ئۆلۈپ قالسامچۇ كاشكى....
2016-يىل26-ئىيۇل .غۇلجا .
‏كىچە.
     





29 قېتىم كۆرۈلدى خۇمار (يامغۇر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-7-26 18:06:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ