💝يۈرەك💝
قۇربان بارى
💝بولدى قىلغىن يۈرەك ئۆرتىمە،
ئۆتمۈشىڭنى قىلىپ ئەسلىمە.
كەتتى جانان سەندىن ئايرىلىپ ،
پاك نىيەتكە بىرىپ خاتىمە .
سەن ئارتۇقچە بولدۇڭ بىلىۋال،
ئازابىڭغا قېنىپ يېغلىۋال.
ھەسرىتىڭنى بىلدۈرمەي جانان ،
بەختى ئۈچۈن دەردىڭ يۈتىۋال.
ئاسىي بولما يارغا ھېچقاچان ،
كۆڭۈل قەرزى ھەممىدىن يامان .
شاتلىقىڭنى قىلغىن سوۋغىتىڭ ،
بانۇڭ بولسۇن مەڭگۈگە ئامان.
| 95 قېتىم كۆرۈلدى | قۇربان بارى | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-12-20 15:06:30 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|