سەن كىتىپ
(ناخشا تېكىستى)
ئاپتۇرى :بۇھەجەر مەخمۇت
سېنى ئەسلەپ قالىمەن جېنىم ،
ئەسلىمەيمەن دىسەممۇ سېنى.
يۈرەكلىرىم باقمىدى ماڭا،
ھەركۈنلەردە ئىزدەپ يار سېنى.
سەنسىز كۈنلەر بولدىغۇ جاپا،
سېنى ئىزدەپ يۈرۈكۈم خاپا.
ھىچ بىلمىدىم قىسمىتمنى مەن،
بۇنى بىلسەم قىلماستىم ۋاپا.
كىتىپ مەندىن يىراققا جېنىم ،
مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ بۈگۈن.
بىلسەم ئەگەر سىرلىرىڭنى مەن،
ھېچ قالماستى قەلبىمدە تۈگۈن.
2016.11.16
قەشقەر يۇپۇرغىدىن بۇھەجەر مەخمۇت
ئاپتۇر ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز قىلماڭ ئىشلەتكۈچىلەر ئالاقلىشىڭ
ئۈندىدار13079909447
| 59 قېتىم كۆرۈلدى | ihbali | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-11-18 2:38:06 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|