مەن شۇنداق ئوغۇل بالىمەن
ئۈمىد تۇراف زامانى.(رەڭ)
بۇرۇنقى چاغلار ھەربىر سۆزلىرىم،
ئەقلىمگە بۇيرۇق،سۇنماس ئىرادە.
بۈگۈنكى كۈنلەردە يوقالدى ھەيۋە،
قەسىمىم ھەر زامان بولۇپ زىيادە.
ئۆزۈمدىن نۇمۇسمۇ قىلىپ قالىمەن،
ئىشلاردا ھۇرۇنلۇق قىلغان چېغىمدا.
ئەركەكمەن دىگەندە ئاشۇ تىللىرىم،
ھىچنەرسە ئۈنمىدى مېنىڭ بېغىمدا.
باشقىلار قىلغاننى قىلالماي تۇرۇپ،
ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە داملاپلا يۈرۈپ.
نە قىلاي دۇنيانى ئۆزۈمنىڭ قىلىپ،
ئۆزۈمنى ئالدىغان ئوغۇل بالىمەن.
تاڭ سەھەر نىشانىم تەڭرى تېغىدەك،
چىڭقى چۈش ياتارمەن خىيال قوينىدا.
كەچقۇرۇن ئۆزۈمنى ئۆزۈمگە تىللاپ،
ھاڭۋىقىپ ئاسمانغا قاراپ ھويلىدا.
دۇنيادا مەن شۇنداق ئوغۇل بالىمەن،
سۆزۈمگە ئۆزۈمنى ئاسىي قىلدىغان.
ھىچ ئىشىم چىن نىيەت ئىخلاس بىلەن،
ھەرۋاقىت ھەرزامان راۋاج تاپمىغان.
بەلكىم ئاشۇنداق ئوغۇل بالىمەن.
دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئويغانمايدىغان.
كۈندۈزى خىيالى ئۆتەر كۈنلىرىم،
كېچىسى ئۇيقۇدا بۇلغانمايدىغان.
121 قېتىم كۆرۈلدى | Turaf | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-11-27 23:19:17 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|