‏ مەن ھايات - دىلرابا مەمتىمىن

‏ مەن ھايات ‏

 

دىلرابا مەمتىمىن

 

 مەن ھايات... ئىنسانلار مېنى كۆرەلمەيدۇ، تۇتالمايدۇ، سىلىيالمايدۇ. ئەمما مېنى چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن سۆيىدۇ، چۈنكى مەن ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭىپ كەتكەن تولىمۇ زىل بولغان سادامەن.

 ‏ مەن ھايات... مەن ھەدىيە. مەن ياراتقۇچىنىڭ ئىنسانلارغا شۇنداقلا پۈتكۈل كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۈداتلارغا ئىنئام قىلغان ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىتىدۇرمەن، چۈنكى مەن پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان ئۆتكۈنچىمەن.

‏ مەن ھايات... مەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا شۇ قەدەر ئەركىن يۈرىمەن. گاھى كۆكتە قۇشلار بىلەن خەندان ئۇرۇپ ئۆزۈمنى كۈيلىسەم، گاھ زۇمرەت دېڭىزدىكى ھەرخىل مەخلۇقاتلار بىلەن ئويناقلاپ ئۈزۈشۈپ يۈرىمەن. گاھى قۇرۇت-قوڭغۇزلارغا ئۆي كۆچۈشۈپ بەرسەم، گاھ كەپتەرلەرگە ھىكايە سۆزلەپ بېرىمەن. ئەڭ قىزقارلىق يەرى شۇكى مەن يەنە ئىنسانلارنىڭ خىيالىي روھ دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىمەندە، ئۇلارنى ھەرخىل تاللاشلارغا دۇچار قىلىمەن. ھەتتا بەزىلەرنى شۇ قەدەر ئېگىز قىيالارغا ئېلىپ چىقىمەندە ئۈن-تىنسىز غايىپ بولىمەن. ئەلۋەتتە مېنىڭ ھەرخىل دوقمۇشلۇرۇمدا تېڭىرقاپ نە بىر يول نە بىر باشلامچى تاپالمىغان ناتىۋانلار ماڭا ئۆچ بولۇپ كېتەر بەلكىم، بەلكىم شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك مەندىن نارازى بولۇپ، مەندىن مەڭگۈلۈك خوشلىشىش يولىنى تاللىغان كىشىلەر مۇ يوق ئەمەس. ۋەھالەنكى شۇلار دەل مېنىڭ نەقەدەر گۈزەللىكىمنى، بىباھا ئىكەنلىكىمنى تېخى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەنلەردۇر.

‏ مەن ھايات... مەن گويا تۈن قاراڭغۇسىدىكى يىگانە ئاي. لېكىن مېنىڭ تولىمۇ ئەشەددى بولغان دۇشمىنىمدىن بىرى بار، ئۇ ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارمۇ-قارشى ۋە تولىمۇ زىت بولغان رەقىبلەردىن بولىمىزيۇ بىر-بىرىمىزدىن زىنھار ئايرىلالمايمىز. مەن شۇ رەقىبىم بولغاچقىلا قىممەتلىكمەن، ئۇ ھەم مەن بولغاچقىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرالىغان. خۇددى ئاشۇ يىگانە ئايمۇ ئۆزىنىڭ قۇياشتىن ئىبارەت ئايرىلالماس رەقىبى بولغانلىقى بىلەن ئىنسانلارغا كېچىنىڭ نەقەدەر جىمجىت، مۇڭلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرالىغىنىدەك، مەنمۇ ھەم ئەجەلدىن ئىبارەت شۇ رەقىبىم بىلەن ئۆز قىممىتىمنى زورايتىپ بارىمەن.

‏ مەن ھايات... مەن تولىمۇ دوستانە. مەن ھەر كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئوماقلار بىلەن تونۇشىمەندە ئۇلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق رىشتىسىنى باغلايمەن. لېكىن مەن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كۈنىگە نۇرغۇنلىغان ئىنسانلارغا، جانلىقلارغا ئېچىنىش ئىلكىدە قول پۇلاڭلىتىشقا مەجبۇر بولىمەن. چۈنكى ئەجەل ئاتلىق جاللاتنىڭ نە قەرەلى،نە شەپىسى بولسۇن؟ ‏

مەن ھايات... مەن تولىمۇ ئۇزۇن كەتكەن ئورمانلاردا سەيلە قىلىپ يۈرىمەن. يېڭى بىخلانغان ياپراقلارنى كۆرگىنىمدە ئۇلارنى مېھرىم بىلەن سۆيۈپ ئۆتىمەندە، ھاياتى كۈچۈم بىلەن ياشنىتىمەن. ئەلۋەتتە بۇنداق چاغلاردا ئاياق ئاستىمدا تولغىنىۋاتقان شۇ نىمجان غازاڭلارنىڭ ئېچىنىشلىق نالىلىرىدنمۇ مۇستەسنا ئەمەسمەن. ‏

 مەن ھايات... مەن ئىنسانلارنىڭ جىمجىتلىق ئىچىدىكى قەلىب سادالىرىنى تىڭشاشقا ۋە شۇ سادالارغا جۆر بولۇشقا تولىمۇ ئامراق. چۈنكى ھەرقانداق بىر نورمال ئىنسان جىمجىتلىق ئىچىدىلا خىيال قۇشلىرىنى ئارزۇلار ساھىللىرىدا سەيلە قىلدۇرالايدۇ، ھەمدە روھى دۇنياسىنى مۇھەببەت ۋە نەپرەتنىڭ ئېلىشىدىغان جەڭگاھىغا ئايلاندۇرالايدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق چاغلاردا مەن توغۇرلۇقمۇ ھەرخىل مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىشىدۇ ۋە شۇ چىقارغان قارار-ھۆكۈملىرىنى دەلىللىشىدۇ.

‏ مەن ھايات... مەن تەڭسىز بولغان مۇساپە.مەن ئۆز مۇساپەمدە شۇ قەدەر بىچارە ئىنسانلارنى ئۇچراتتىم. روھى چۈشكۈن، دىلى سۇنۇق، قەلبى زەئىپلەشكەن، ئۆزىنى ھورۇنلۇق زىندانىنىڭ مەڭگۈلۈك مەھبۇزىغا ئايلاندۇرىۋالغان. مەن ئۇلارغا خېلى يىللار ھەمراھ بولدۇم. چۈنكى مەن ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى خالايتىم، ئۇلارنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن بالدۇرراق ئويغىنىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم، ئۇلارنىڭ مېنى يۈك ئەمەس،غەنىيمەت بىلىشىنى ئىستەيتىم. تولىمۇ ئەپسۇس...مەن پەقەت ئۇلارنىڭ رەقىبىم ئەجەلنىڭ قولىدا قىينىلىۋاتقان ئەڭ ئاخىرقى بىرقانچە مىنۇتلىرىدىلا ئاندىن ئېسىگە كەلدىم. قەدرىم ھەم شۇ چاغدىلا ئۆتۈلدى، ئاقىۋەت ئۇلار شۇ كەتكەنچە مەڭگۈگە كەتتى. شۇنچە يىل دەۋىر سۈرۈپ نە بىر نامى، نە بىر تۆھپىلىرى يوق، جىسمى قارا توپىغا ئايلاندى، كىشىلەر ئارىسىدا مەڭگۈگە ئۇنتۇلدى...مەن يەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئۇچراتتىم. ئۇلار مېنى شۇقەدەر قەدىرلىدىكى، زەررىچە ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي ئىزدەندى، ئالەمنىڭ سىرلىرىنى يەشتى، ئۆز ئەۋلادلىرى ئۈچۈن ئۆلمەس ئابىدىلەرنى تىكلىدى. داستانلارنى، دىۋانلارنى،«قۇتادغۇ بىلىك»لەرنى قالدۇردى. دەرۋەقە نۇرغۇن يىللاردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانلار ئۇلارنى ئىپتىخارلىق ئىلكىدە تىلغا ئېلىشىدۇ، سېغىنىش ئىلكىدە ئەسلىشىدۇ. گەرچە ئۇلار ئالىبۇرۇنلا ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن خوشلاشقان بولسىمۇ،ئەمما شۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە، ئەلۋەتتە مېنىڭمۇ ھەقىقى قىممىتىم گۈزەللىكىم دەل شۇلار بىلەندۇر... ‏

 مەن ھايات... مەن سېھىرلىك ئەينەك. ئىنسانلار ماڭا كۈلۈپ باقسا مەن ھەم ئۇلارغا ئىللىق تەبەسسۇمۇم بىلەن يېنىش-يېنىشلاپ باقىمەن. ناۋادا ئىنسانلار مەندىن دۇنيادا كىمنىڭ ئەڭ گۈزەللىكىنى سورىسا، مەن يەنە شۇنداق دەپ خىتاب قىلىمەنكى:«مېنى سۆيۈشنى، قەدىرلەشنى بىلگەن ئاشۇ تۆھپىكار ئەزىزلىرىم ھەممە، ھەممىدىن گۈزەل...» ‏

مەن ھايات... مەن ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئوخشاشلا شۇ قەدەر ئەركىن يۈرىمەن. كەڭرى دالىلارنى كېزىمەن، يېشىل يايلاقلاردا ئوتلايمەن، شارقىراتمىلار بىلەن تەڭ ئېقىپ چۈشىمەن. چىغىر يوللاردا يېنىك قەدەملىرىم بىلەن ماڭىمەن. ياز پەسلىمۇ ياكى قىشمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. يامغۇرلار ياغىدۇ، قارلار كۆچىدۇ، گۈللەر سولىدۇ... مەن ئۆز يولۇمدا داغدام قەدەملىرىم بىلەن ماڭېۋېرىمەن...

‏ مەن ھايات... ‏ مەن مۇھەببەت... ‏ مەن ئامانەت... ‏ مەن غەنىيمەت... ‏ مەن ئىرادە... ‏ مەن نەتىجە...

‏ ‏ 2015/11/18 ‏





336 قېتىم كۆرۈلدى Dilraba.mamtimin ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-3-15 21:00:12  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ