سىنى سەندىن ئ‍الغان كىم - خەلچەم خېلىل

سىنى سەندىن ئ‍الغان كىم 

 خەلچەم خېلىل


 بۈگۈن ئ‍ېيتقان ناخشاڭنىڭ،
مۇڭلىرىنى ئ‍الغان كىم،
قۇلاغىڭغا ئ‍ەلەملىك،
ھىجران كۈيى چالغان كىم.

يۇپۇرماقلار سانىدىڭ،
تاقمىدۇ يا جۇپمۇ دەپ،
خىيالىڭدا جۈپ بۇلۇپ،
قاناتلىرنى قاققان كىم.

مارجان بارتى بوينۇڭدا،
دانە دانە ياقۇتتىن،
مارجانلىرىڭ چېچىلدى،
يامان نەزەر سالغان كىم.

كىچىلىرى ئ‍اسماندىن ،
يۇلتۇزلارنى سانايسەن،
ساننى ئ‍ېلىش مۈمكىنمۇ،
ساڭا سالا سالغان كىمەن،

بولدى ئ‍ارتۇق ئ‍ويلىما،
خىياللارنى بويلىما،
تېپىۋالغىن ئ‍ۆزۈڭنى،
سىنى سەندىن ئ‍الغان كىم.





71 قېتىم كۆرۈلدى خەلچەم خېلىل ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-10-3 3:38:18  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ