مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشكە باشلىغاندا

         مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشكە باشلىغاندا
سۈبىھنۇر ئاتەش دولان

يىلىنىپ ئالدىمغا كەلمە قايتىلاپ،
مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشكە باشلىغاندا.
پەقەت ئۆزۈمگە كۆيۈنۈپ ئۆزۈم،
مۇھەببەتنى قەلبىمدىن يۇلۇپ تاشلىغاندا.

پەيدا بولما كۆز ئالدىمدا قايتا رەت،
ھىجران قىيناپ كۆزۈڭنى ياشلىغاندا.
ئەسلىگۈم يوق ئۆتمۈشنى زىنھار،
مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشنى باشلىغاندا.

تىكىلىپ كۆزۈمگە كۈتمە ساداقەت،
سۆيمەيمەن دەپ  ئۆزۈمنى ئالدىغاندا.
ئۇنۇت ھەممىنى ئۇنۇتقىن گۈلۈم،
مەن ئۆزۈمنى سۆيۈشكە باشلىغاندا

سۈبىھنۇر ئاتەش دولان
2017.5.31 غولجا
     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى 

ئۈندىدار : 2041420589






162 قېتىم كۆرۈلدى ataxdolan ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-5-31 12:51:13  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ