مۇھاببەت دەپ
ئامانگۈل تۇرغۇن (ئاچچىق)
ئۆلەيمۇ مەن مۇھاببەت دەپ،
ئۆچەيمۇ مەن مۇھاببەت دەپ.
يۇقالسا گەر بىر كۈن سۆيگۈم،
يىغلايمۇ مەن مۇھاببەت دەپ.
سىڭدى ئەجرىم مۇھاببەت دەپ ،
ئاقتى ياشىم مۇھاببەت دەپ.
شوخلۇقلاردىن كېچىپ كەتتى،
بەڭۋاش كۆڭلۈم مۇھاببەت دەپ.
ياستۇقلارغا سىڭىپ قالدى،
تۆكۈلگەن ياش مۇھاببەت دەپ.
تېلفۇنلاردا قالدى گەپلەر،
مۇڭلۇق سايراپ مۇھاببەت دەپ.
كېچە ئۇيقۇم شۇنچە تاتلىق ،
يۇمغان كۆزۈم مۇھاببەت دەپ.
سەھەر پەرياد ئەيلەر يۈرەك،
نەدە قالدىڭ مۇھاببەت دەپ .
خىياللىرىم سەرسان بۇلۇپ،
يۈرەر ھامان مۇھاببەت دەپ .
چوقان سالار مۇشتۇمچىلىك ،
يۈرەك ھامان مۇھاببەت دەپ.
ھامان بىر كۈن مەيۈس بۇلۇپ،
مەن ئۆلەرمەن مۇھاببەت دەپ .
گەر بولسىمۇ تېنىم تۇپراق،
كېتەر روھىم مۇھاببەت دەپ .
يىغلىماڭلار تۇيغۇلۇرۇم ،
يىغلىماڭلار مۇھاببەت دەپ.
ياشنىتىمەن مەن سىلەرنى،
تۇيۇندۇراي مۇھاببەت دەپ.
كەچمىسەڭلار سىلەر مەندىن،
ئىزدەيلى بىز مۇھاببەت دەپ .
مەن رازىمەن پەقەت شۇندا،
جان بەرسەم گەر مۇھاببەت دەپ.
ياشاي ئەمدى مۇھاببەت دەپ ،
ياشلار تۆكەي مۇھاببەت دەپ .
سۇنۇق كۆڭلۈم گەر شادلانسا،
كۈلەي يەنە مۇھاببەت دەپ .
سوراپ قالسا غېرىپ ئاشىق،
مېنى قايان يۈرۈيدۇ دەپ.
دەپ قۇيۇڭلار دوسلار ئاكا،
ئىزدەپ كەتتى مۇھاببەت دەپ.
ئاپتۇرى:ئامانگۈل تۇرغۇن(ئاچچىق)
| 53 قېتىم كۆرۈلدى | ئامانگۈل تۇرغۇن (ئاچچىق) | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-9-30 10:53:27 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|