خائىن

         خائىن
         قادىر ئابلەت


بارغانسىرى ئىغىرلىشىۋاتقان گەۋدەمنى كۆتۈرۈپ،ئاستا قەدەملەر بىلەن كىتىپ بارىمەن،نەگە بارىمەن؟ نىمە ئىش قىلىمەن؟ بۇ ماڭا نامەلۇم،كاللامدا ھىچبىر نىشان يوق،كەچكىچە باشقۇرۇشلىرىمدىن زىرىككەن تىنىمنى ئۆز مەيلىگە قويىۋەتتىم،ماڭە،قانچىلىك ماڭىسەنكىن قىنى بىر كۆرەي،ئالدىمغا قاراپ چۆچۈپ كەتتىم چۈنكى تېنىم مىنى ئىككىمىز دائىم بىللە ئولتۇرىدىغان تاش ئورۇندۇق قىشىغا باشلاپ كەلگەن ئىدى،تۇرۇپلا ئاچچىقىم كەلدى،ئىككى پۇتۇمغا قاتتىق ۋارقىردىم« مىنى نىمە دەپ بۇ يەرگە ئىلىپ كىلىسەن؟ مىنى يەنە ئازاپلانسۇن دەمسەن؟ ماڭا ئېچىڭ ئاغرىسۇن بولامدۇ» ، تۇيۇقسىز قوللىرىمنىڭمۇ مىدىرلاۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم،ئۇ ئىككىمىز دائىم ئولتۇرىدىغان تاش ئورۇندۇقنى سىيلاۋاتاتتى،«ساڭا نىمە بولدى ئەمدى،مىنى ئارامىمدا قويامسىلەر يوق؟ سىلەرمۇ ماڭا خائىنلىق قىلماقچى شۇنداقمۇ؟»
تۇيۇقسىز ئىغىزىمغا تۇزلۇق بىر نەرسە كىرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم،كۆزلىرىم يىغلاۋاتاتتى،« سەن نىمىگە يىغلايسەن ئەمدى، كىم ئۈچۈن يىغلاۋاتىسە؟ ئۆتۈنۈپ قالاي مەن ئۈچۈنمۇ يىغلاپ قوي»
ئۆزۈمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم،ئىغىزلىرىم سىنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىۋاتاتتى،«ۋاي-ۋۇي،مىنى تىرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرەي دەمسىلە،ئۇ كەتتى، مىنى تاشلاپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغۇچى بولما؟»مەن ئىغىزىمغا شۇنداق خىتاپ قىلدىم،سىنىڭ ئاۋازىڭغا ئوخشىشىپ كىتىدىغان بىر تاتلىق ئاۋاز قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلىغاندەك بولدى« ئۆزۈڭنى ئالدىما قۇلاق،ئۇ يىنىڭدا بولمىسا يە،يۈرەككە بۇنداق زۇلۇم قىلما»
،توساتتىنلا سىنىڭ سىمايىڭ كۆز ئالدىمغا پەيدا بولدى،دىمەك مىڭەممۇ سىنى خىيال قىلىۋاتاتتى« ھەممىڭلا بىرلىشىپ  يۈرەكنى بوزەك قىلىۋاتىسىلەر،قاراڭلا ئۇنىڭ ھالىغا،ئاسىي ئەبلەخلەر! ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلمەيدۇ ئاڭلاشتىڭمۇ؟قايتىپ كەلمەيدۇ  ئۇ ئۆزى خالاپ كەتتى،يۈرەككە ئەمدى ئاۋارىچىلىق تاپماڭلار»
تۇيۇقسىز يۈرىكىمنىڭ سىنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىپ ئاجىز سوقۇۋاتقانلىقى قۇلىقىمغا ئاڭلاندى،مەن چۆچۈپ كەتتىم « ھەممىڭ خائىن،بىر توپ خائىنلار!سىلەر ماڭا خائىنلىق قىلغاندىكىن ئۆزۈڭلاردىن كۆرۈڭلار» ئالقىنىمدىكى دورىنى ئىغىزىمغا سالدىم،بىشىم قايماقتا،بىراق ئۇلار تىخىچە ماڭا ئاسىيلىق قىلىۋاتاتتى،
«ھۇ خائىنلار،ئەمدى ئۇنى يەنە ئەسلىگىنىڭنى بىر كۆرەي» كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى،ئەزالىرىم سىزىمنى يوقاتماقتا ،
پاھ! نىمىدىگەن راھەت.
2017-1-23


     

مۇھەرىر : ئابدۇقەييۇمجان ئابدۇسادىرى

ئۈندىدار  : 2042420589

 

ئەسكەرتىش : ئەسەرلەرنى تورىمىز ۋە ئاپتۇرنىڭ ماقۇلىقىنى ئالماي ھەر قانداق مەدبۇئات ئورۇنلىرى ، توربەت ، سالۇنلارنىڭ خالىغانچە تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ . ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا بارلىق ئاقىۋەتكە تارقاتقۇچى تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ !!







61 قېتىم كۆرۈلدى قادىر ئابلەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-6-30 1:18:48  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ