ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار
مەۋلىدە ئىسرائىل
(مەن بۇ يازمامنى سىرىتتىكى ياۋا گۈللەر ئۈچۈن ئائىلىسىنى بۇزماق بولىۋاتقانلارغا بېغىشلايمەن!)
قالدۇرىدۇ شىۋىرغان -جۇتتا،
ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار .
كۈل قىلىدۇ كۆيدۈرۈپ ئوتتا،
ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار.
گۈل دېگىنىڭ گۈل ئەمەس تىكەن .
تىكەن نەدە ئەسقىتىپتىكەن؟
بارىڭنى يەپ بولىدۇ دۈشمەن،
ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار .
ئۇ باھاردا سىزىپ چىقار قىش،
قەستى ئاپئاق قەلبىڭنى يىيىش.
سۇنغانلىرى زەھەرلىك يېمىش،
ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار .
ئارتىپ سەھۋەن، قىلار گۇناھكار ،
بولىۋىلىپ ئالدىڭدا بىمار،
ئاڭا ئۆلۈپ بەرسەڭمۇ بىكار ،
ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار .
كۆڭلۈڭنى دەپ بولما ئەخمەق -گول،
پېغانلىقتۇر ئۇ باشلىغان يول،
ئۇنتۇش ئۈچۈن دائىم تەييار بول،
ياۋا گۈلنى ھىدلىما زىنھار !
| 120 قېتىم كۆرۈلدى | مەۋلىدە ئىسرائىل | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-2-11 9:28:47 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|