جانىم نەدىدۇر

جانىم نەدىدۇر

 

گۈلنىگار مەترۇزى

 

يىغلاۋاتىمەن توختىماستىن ئ‍ۆكسۈپ ،

 ياشىم سۈرتەر ،مېنىڭ جانىم نەدىدۇر ،

ياتالمىدىم، تۇرالمىدىم مەن بولدۇم نىمجان،

ئ‍اھ دەردىمنىڭ داۋاسى، جانىم نەدىدۇر !

 

كۆزلىرىم تورلاشتى ، ئ‍ۈنلىرىم بوغۇق ،

 ھۆسنىمدە نۇر قالمىدى ، يۈزلىرىم تۇنۇق ،

 يارسىز ئ‍ەمدى ، ئ‍ەس خىيالىم قۇپقۇرۇق ،

 ئ‍اھ چولپان كۆزلىكىم جانىم نەدىدۇر !

 

بۇ يۈرۈگۈم ئ‍ىزىلدى ، قالمىدى ئ‍ارام ،

قىينىلىپ بۇ گېلىمدىن ئ‍ۆتمىدى تائام ،

سەنسىز ماڭا كۈلۈشمۇ بولدىغۇ ھارام ،

 ئ‍اھ شاھزادەم مىنىڭ جانىم نەدىدۇر !

 

 2016-2-16كېچە





169 قېتىم كۆرۈلدى nigarhan ئەسەر يوللىغۇچى :
2016-2-17 5:07:00  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ