كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ (شېئىر) - تۇرغۇن راخمان

 كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ
تۇرغۇن راخمان (كەمتەر)

كۈلۈپ ياشاي بىركۈن بولسىمۇ،
دەرتلەر مېنى يۈتكەن بولسىمۇ،
چىدايمەنغۇ،كۈلىمەن ئەبەد،
يۈرەكلىرىم زەرداپ بولسىمۇ.

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
دۈشمەنلىرىم قاۋاپ تۇرسىمۇ،
جاراھەتتىن تولغانماس يۈرەك،
يالغانلاردىن گەپلەر تاپسىمۇ.

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
ۋۇجۇدىدا سۆيگۈ بولمىسىمۇ،
سۆيۈلىشنى قەدىرلەپ ياشاي،
يۈرەگىمنى ئىزىپ كەتسىمىۇ،

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
كۆرەلمەسلەر غاجاپ تۇرسىمۇ،
ئۈمۈدۈم شۇ،مەغرۇر ياشايمەن،
رەزىل دوستلار ئاچچىق كۈلسىمۇ.

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
سۆيگەنلىرىم تاشلاپ كەتسىمۇ،
ئۈمىد كۈتتۈم ئەبەدكە يەنە،
سۆيۈشلەرنى بىلمەس بولسىمۇ.

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
ئاچچىق ئازاپ بېرىپ كەتسىمۇ،
يۈرەگى تاش بولسىمۇ نامەرت،
گۈللەر سۇناي بىلمەس بولسىمۇ.

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
ۋاپاسىزلار قىيناپ تۇرسىمۇ،
ئىناقلىقنى كۈيلەيمەن ئەبەد،
ئىتىپاقسىزلىق سېلىپ تۇرسىمۇ.

كۈلۈپ ياشاي بىر كۈن بولسىمۇ،
يۈرۈگۈمنى تىلغاپ كەتسىمۇ،
ئىتتىپاقلىق كۈيى ئېيتارمەن،
ئەجەل مېنى كۈتۈپ تۇرسىمۇ.
     





59 قېتىم كۆرۈلدى تۇرغۇن راخمان (كەمتەر) ئەسەر يوللىغۇچى :
2017-4-10 9:25:46  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ