ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
ھەسەنجان ئارىپ
مېھمان بوپ كۆز ئاچتىڭ گۈزەل دۇنياغا ،
ئەيىپسىز، نۇقسانسىز چىقتىڭ يوللارغا .
ئازغانلاردىن دورىما باقما ئۇلارغا،
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
تۇنجى رەت ئازغىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇشايمان،
تاپالماي ئۆتەرسەن ئۇنىڭغا دەرمان .
تىترەتسۇن قەلبىڭنى مۇقەددەس ئارمان،
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
ھايات-دىمەك ۋاقىتتۇر ئۆتكىنى -ئۆتكەن،
ۋاقتىڭ ئۆتتى، پۇرسەتنىڭ كەتكىنى-كەتكەن.
مۈگدەپ مېڭىپ بۇ يولدا كىم ئارزۇغا يەتكەن،
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
ياشىماق تەس ئەمەس ئادەم بولماق تەس ،
ئەقلىڭدىن ئادىشىپ يۈرمە بۇلۇپ مەس.
تاشلىغىن خۇيۇڭنى بولدى ئەمدى بەس!
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
بىز ئەسلى ئەڭ بۈيۈك ئۇيۇشقاق مىللەت ،
قاچاندۇر ئۆزگەردۇق يۇقتۇرۇپ ئللەت .
تىلەپ باق كىلەمدۇ؟ ھاياتلىق بىر رەت،
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
سەن تېخىچە ئويناپ كۈلۈپ يۈرسەڭ تالادا،
سەن سەۋەپلىك دىللار كىسەل بولسا ناۋادا.
ئادەم تۇرۇپ بۇرچۇڭنى قىلمامسەن ئادا؟
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
بۈگۈنكىدەك ئەتە-ئۆگۈن ئۆتمەيدۇ كۈنۈڭ،
موھتاجلىقتا قۇل بولغىنىڭ تىرىك ئۆلگىنىڭ.
نادانلىقتا بەختىڭ ھارام!ئېچىلماس گۈلۈڭ،
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
كارۋانمەن ئەسلىدە ئالدىراش ماڭغان،
ساناقسىزكەن ئۇيقۇدا يولدا يىقىلغان.
سىلەر ئۈچۈن قوڭغۇراق چالغىنىم-چالغان!
ئۇنۇتما ئەسلىڭنى ئەمدى سەن ئويغان!
2016-يىل-29-يانۋار
(ئاپتۇر ئاۋات ناھىيە يېڭرىق يېزىسىدىن)
351 قېتىم كۆرۈلدى | ھەسەنجان ئارىپ | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
2016-1-30 19:24:04 | :يوللانغان ۋاقتى |
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|