قانغا بويالغان شېئىر
قانغا بويالغان شېئىر 

ئەكبەر مۇھەممەت ئەمىن سەئىدى

 بەربات بولدى گۈزەل ئارمانلار،
 يولدا قالدى بۈيۈك كارۋانلار،
 ئۆچۈرۈلدى ئۇلۇغ گۈلخانلار،
 جاننى ئالدى ئەزىز جانانلار،

 دىمىقتۇردى قارا قۇيۇنلار،
 تۇنجۇقتۇردى ۋەھشى قايناملار،
 بارمۇ يەنە توختاپ قالماڭلار،
چىداپ كەلگەن، چىدار بۇ جانلار،

 كۆتۈرمەكتە يۈرەك ئىسيانلار،
 ۋەدە قالسۇن بولاي نىسيانلار،
 نە ئىلاج بار قېنى ئېيتىڭلار؟
 نەپەس توختاپ، كەتسە ئىمكانلار.

 بۇغۇزلاندى بارچە ئىلھاملار،
 شېئىر قالدى ئىچىرە قانلار،
 تۇغۇلمايدۇ ئىشقى يازماملار،
 كۆرەلمەيدۇ دەرتتە قويغانلار .

 قەلەم




133 قېتىم كۆرۈلدى ئەكبەر مۇھەممەد ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-12-30 1:01:36  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار

بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ


ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ