ئىككىمىز
مۇھەممەد ئەركىن چىن يار
كەل نىگارىم بىر يىپقا باغلىنايلى ئىككىمىز ،
گۇۋاھ قىلاي يۇلتۇزنى ئالدىمايلى ئىككىمىز .
چىن ۋاپادىن تاج تاقاپ قىسقىغىنە ئۆمۈرگە ،
ئاداققىچە ئەي يارىم ئايرىلمايلى ئىككىمىز .
سۆيگۈ ئۇلۇغ كۆڭۈلنىڭ بىر نازۇك ئەينىكى ،
دەز يەتمىسۇن ۋاقىتسىز ساقلىنايلى ئىككىمىز .
كۈيلەپ ئۆتسە بۇلبۇللار سۆيگۈمىزنىڭ گۈلىنى ،
قۇۋ دۈشمەننىڭ بېغىدا يايرىمايلى ئىككىمىز .
شاھ مەشرەپ چۆلىدە جۇل جۇل بولسا يېڭىمىز ،
تەڭ تۈرەيلى ۋە لېكىن زارلىمايلى ئىككىمىز .
چىن يار بولدى غەزەلخان مۇھەببەتنىڭ ئىشقىدا ،
بولسا پەرھات شېرىندەك يادلىنايلى ئىككىمىز .
| 84 قېتىم كۆرۈلدى | مۇھەممەد ئەركىن چىن يار | ئەسەر يوللىغۇچى : | |
| 2016-10-10 15:57:40 | :يوللانغان ۋاقتى | ||
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يېزىلماپتۇ
|
تور بىكىتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى تور بىكىتىمىزگە ۋە ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ! باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى قەدىرلەش گۈزەل ئەخلاقتۇر!!!! بىكەت مەسئۇلى: نۇرمۇھەممەت ئالاقە تېلېفۇن - ئۈندىدار: 18999843588
www.yazghuqilar.com
新ICP备15002323号
|