دەپ

دەپ

 

شادىيە مۇھەممەت

 

بەندەڭنى بەندەڭگە خار قىلما خۇدا،

ياخشىنى يامانغا يار قىلما خۇدا.

 ئ‍ەزىز جاننى تەندىن قىلساڭمۇ جۇدا،

 ئ‍ىماننىڭ نۇرىنى تار قىلما خۇدا.

 

 زارلايدىكەنمىز تاركەن بۇ دۇنيا دەپ،

 كۈلپەت كەلسە ئ‍ەسلەركەنمىز خۇدا دەپ.

يىغلاركەنمىز بىزلا ئ‍ازاپلانغاندەك،

 ئ‍اھ ئ‍ۇرۇپ،ھەممىدىن بولدۇم جۇدا دەپ.

 

 سالسا كۈلپەت ئ‍ەسلەپ تۇرسۇن مېنى دەپ،

كۈتۈرۈلسۇن دۇئاغا قول خۇدا دەپ.

 يىلىنما بەندىگە ئ‍ازاپلىما دەپ،

يىلىن ئ‍اللاغا دەرت كەلدى باشقا دەپ.

 

  2015  -8 -8     تۇرپان

ئ‍ۈندىدار:15160857282





198 قېتىم كۆرۈلدى شادىيە مۇھەممەت ئەسەر يوللىغۇچى :
2015-8-8 20:49:33  :يوللانغان ۋاقتى
بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلار
2015-8-9 17:34:52 ۋارىسجان
ئ‍اچا ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ.
2015-8-9 17:34:44 ۋارىسجان
ئ‍اچا ياخشى يېزىپسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ.
ئىنكاس يېزىڭ
مەزمۇن :
ئىسمىڭىز :

يېزىلغان ئىنكاس باشقۇرغۇچى تەستىقلىغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ
ئەسكەرتىش: قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر يازماڭ